UyghurMain Dictionary
ژۇكوۋ
دۇنيا تارىخى
(1896 - 1974) سوۋېت ئىتتىپاقى مارشالى. دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا تېرە ماللار ئىشچىسى بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقان. ئىچكى ئۇرۇش باشلانغاندىن كېيىن قىزىل ئارمىيىگە قاتناشقان. 1919 - يىلى بولشېۋىكلار پارتىيىسىگە كىرگەن. 1931 - يىلى فرۇنزې ھەربىي ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن. 1937 - يىلى ئۈچۈنچى ئاتلىق ئەسكەرلەر ئارمىيىسىنىڭ كوماندىرى بولغان. ئىككىنچى يىلى بېلوروسىيە ئالاھىدە ھەربىي رايونىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى بولغان. 1939 - يىلى مۇڭغۇلىيىدە تۇرۇشلۇق سوۋېت ئارمىيىسى بىرىنچى جۈنتۈەنىنىڭ قوماندانى بولغان. ۋەتەن ئۇرۇشى مەزگىلىدە سوۋېت ئارمىيسى قوماندانلىق شتابىنىڭ ئەزاسى، غەربىي يۆلىنىش ئارمىيسى قوماندانى، دۆلەت مۇداپىئە كومېتىتىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن كومىسسارى، ئالىي مۇئاۋىن قوماندان بولۇپ، موسكۋا، ستالىنگراد، كۇرسك ۋە بېرلىن ئۇرۇشلىرىغا قوماندانلىق قىلغان. سوۋېت ئىتتىپاقىغا ۋاكالىتەن گېرمانىيەنىڭ تەسلىمىنى قوبۇل قىلغان. ئۇرۇشتىن كېيىن گېرمانىيەنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى ئىگىلەپ تۇرغان رايونىنىڭ ئالىي مەمۇرىي ئەمەلدارى ۋە گېرمانىيىدە تۇرۇشلۇق سوۋېت ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى بولغان. 1946 - يىلى سوۋېتكە قايتىپ كېلىپ، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ۋە قوشۇمچە قۇرۇقلۇق ئارمىيە باش قوماندانى بولغان. 1953 - يىلى ستالىن ۋاپات بولغاندىن كېيىن، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن مىنىسترى بولغان، پارتىيە مەركىزىي كومېتىت ئەزالىقىغا سايلانغان. 1955 - يىلى دۆلەت مۇداپىئە مىنستىرى بولغان. 1957 - يىلى 6 - ئايدا مەركىزىي پىرىزدىئومىنىڭ ئەزاسى بولغان، شۇيىلى 10 - ئايدا ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان. ئۇنىڭ <ئەسلىمە ۋە مۇلاھىزە> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.
دۇنيا تارىخى
(1907 - 1980) سوۋېت ئىتتىپاقىلىق تارىخشۇناس. 1924 - يىلى لېنىنگراد ھازىرقى زامان شەرق تىلى شۆيۈەنىدە ئوقۇغان. 1928 - يىلى ئۆگۈنۈش ۋە تەكشۈرۈش ئۈچۈن ياپونىيىگە بارغان. 1929 - يىلدىن باشلاپ لېنىنگراد داشۆسى ۋە لېنىنگراد شەرق شۆيۈەنىدە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن. 1943 -1950 - يىللىرى سوۋېت ئىتتپاقى پەنلەر ئاكادېمىيىسى تىنچ ئوكيان تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى بولغان. 1944 - يىلى پروفېسسورلۇققا كۆتۈرۈلۈپ، موسكۋا داشۆ تارىخ فاكولتېتى يىراق شەرق دۆلەتلىرى تارىخي كافىدراسىغا رىياسەتچىلىك قىلغان. 1946 - 1976 - يىللىرى سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى خەلقئارا كوممۇنىزم ھەرىكىتى، ئىشچىلار ھەرىكىتى ۋە مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى تەتقىقات بۆلۈمىگە رىياسەتچىلىك قىلغان. 1958 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى بولغان. 1968 - يىلدىن باشلاپ سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ دۇنيا تارىخى تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. ئۇزۇن مۇددەت ياپونىيىەنىڭ يېقىنقى زامان ۋە ھازىرقى زامان تارىخىي ھەمدە يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان خەلقئارا مۇناسىۋەت تارىخى شۇنىڭدەك مۇستەملىكە مەسىلىسى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1939 - يىلى <ياپونىيە تارىخى> نى نەشىر قىلدۇرغان. بۇ سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ياپونىيە تارىخىغا ئائىت تۇنجى ئەسەر ھېسابلىنىدۇ. <دۇنيا ئومۇمىي تارىخى> (13 توم، 11 تومى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان)، 16 توملۇق <سوۋېت ئىتتىپاقى تارىخى قامۇسى> نى تۈزۈشكە رىياسەتچىلىك قىلغان ھەمدە <1939- 1945 - يىللىرىدىكى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى تارىخى> ناملىق كىتابنىڭ مۇئاۋىن باش تەھرىرلىكىنى ئۈستىگە ئالغان. يەنە <يىراق شەرق خەلقئارا مۇناسىۋەت تارىخ> (خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان)، <يىراق شەرق دۆلەتلىرىنىڭ يېقىنقى زامان تارىخ> ۋە <ياپونىيە جاھانگىرلىكى> قاتارلىق كىتابلىرى بار.