Chinese→UyghurMain Dictionary
专授犯罪方法罪
جىنايەت ۋە جازا
جىنايەت ئۆتكۈزۈش ئۇسۇلىنى ئۆگىتىش جىنايىتى
بۇ - جىنايەت ئۆتكۈزۈشتىكى ھەرخىل كونكرېت تەجرىبە، ئۇسۇل - چارىلەرنى، ماھارەت ۋە ھەرىكەت قەدەم باسقۇچلىرىنى باشقىلارغا ئۆگەتكەن قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - جەمئىيەتنى باشقۇرۇش تەرتىپى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى ئۆزى بىلىدىغانلىكى بارلىق جىنايەتنىڭ ئۇسۇل - چارىلىرىنى باشقىلارغا ئۆگەتكەن قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ، يەنى 16 ياشقا توشقان، جىنايى جاۋابكارلىق ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان ئادەملەر بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
295 - ماددا جىنايەت ئۆتكۈزۈش ئۇسۇلىنى ئۆگەتكۈچىلەرگە بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ.