Chinese→UyghurMain Dictionary
帚虫动物
بىئولوگىيە
سۈپۈرگىسىمان ھايۋانلار
فورونىدالار دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ ھايۋاناتلار دۇنياسىدىكى بىر تىپ، ياكى مولليۇسكىسىمانلار تىپىدىكى بىر سىنىپ قىلىپ كىرگۈزۈلگەن. بەدىنى ئىنچىكە، كىچىك مەددە شەكلىدە، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 51 - 200 مىللىمېتىر. ئادەتتە بەدەن سىرتىغا تېرە ماددىلىق ياكى پەردە ماددىلىق نەيچىسى بولىدۇ. ئىككى يان سىممېترىك، سېزىش بارماقچىلىرى تاجى قۇرت تېنىنىڭ ئالدى ئۇچىغا جايلاشقان بولۇپ، ئىككى يېنى ئىچىگە ئات تۇيۇقى شەكلىدە يۆگىلىپ كىرىپ سۈپۈرگىسىمان ھالەتنى شەكىللەندۈرگەن، شۇڭا <سۈپۈرگىسىمان قۇرت> دەپ ئاتالغان. ئېغىز سېزىش بارماقچىلىرى تاجىسىنىڭ ئىچىگە ئېغىز ئاچقان، ھەزىم قىلىش يولى <U> شەكىللىك، ئانۇسى ئاغزىغا يېقىن بولسىمۇ لېكىن سېزىش بارماقچىلىرى تاجىنىڭ سىرتىغا جايلاشقان. بەدەن بوشلۇقى تەرەققىي قىلغان. كېيىنكى بۆرەك نەيچىسى بولىدۇ. قوش جىنسلىق (ئانىلىق، ئاتىلىقى بىر تەندە). دېڭىزلاردا مۇقىملىشىپ ھايات كەچۈرىدۇ، يەككە ھالدا ياكى بىر قانچە قۇرت نەيچىلىرى ئۆزئارا يېپىشقان ھالدا توپلىشىپ ياشايدۇ. مەسىلەن، سۈپۈرگىسىمان قۇرت (phoronis)