Chinese→UyghurMain Dictionary
重组体技术
بىئولوگىيە
重组体DNA 技术
يېڭىدىن بىرلەشكۈچى تەنچە DNA تېخنىكىسى
<DNA يېڭىدىن بىرلىشىش تېخنىكىسى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، سىرتقى مەنبەلىك DNA بۆلىكى ياكى سۈنئىي سىنتېزلانغان گېننى توشۇغۇچى (مەسىلەن باكتېرىيە پلاسمىدى ياكى λ باكتېرىئوفاگ) غا سىڭدۈرۈپ، خوجايىن ھۈقەيرىسى (مەسىلەن، چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيىسى) گە كىرگۈزۈپ، توشۇغۇچىنىڭ نۇسخىلىنىشى ئارقىلىق سىرتقى مەنبەلىك DNA ياكى گېننىڭ جىنىسسىز كۆپەيگەن نەسىلدىشى (كلون) ۋە كۆپلىگەن ماس ھالدىكى گېن مەھسۇلاتلىرىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. بۇ تېخنىكا ھازىرقى ئىرسىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ مەركىزىي تېخنىكىسىدۇر.