Chinese→UyghurMain Dictionary
种子休眼
بىئولوگىيە
ئۇرۇقنىڭ ئۇخلىشى
(ئۇرۇقنىڭ ئۈچەككە كىرىشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ). پىشقان ئۇرۇقنىڭ سىرتقى شارائىتتىكى سۇ، ئوكسىگېن، تېمپېراتۇرا ۋە يورۇقلۇقنىڭ تەييارلىنىشىغا مۇۋاپىق كېلىدىغان فىزىئولوگىيىلىك دائىرە ئىچىدە بىخلانمىغان ھالەتتە تۇرۇش ھادىسىسى. ئۇخلاش مەجبۇرىي ئۇخلاش بىلەن فىزىئولوگىيىلىك ئۇخلاشتىن ئىبارەت ئىككى خىل تىپقا بۆلۈنىدۇ. ئۇرۇق تۆرەلمىسى سىرتىدىكى فىزىكا - خىمىيىلىك ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقارغان، تۆرەلمە ئۇخلاش ھالىتىدە بولمىغان ئۇخلاش مەجبۇرىي ئۇخلاش دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى ئېھتىمال ئۇرۇق پوستى قاتتىق ھەم زىچ بولۇش ياكى ئۇرۇق پوستىغا مايسىمان ماددىلار يىغىلىپ قېلىپ سۇ ياكى ھاۋانى ئۆتكۈزمەسلىكتىن، ياكى ئۇرۇق پوستى بەك قاتتىق بولۇپ، تۆرەلمە ئۇنى يېرىپ چىقالماسلىقتىن بولۇشى مۇمكىن. ئۇرۇق تۆرەلمىسىنىڭ يېتىلىشى مۇكەممەل بولماسلىق ياكى تىزگىنگۈچى ماددىلارنىڭ مەۋجۇت بولۇشى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان ئۇخلاش فىزىئولوگىيىلىك ئۇخلاش دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن ياۋروپا ئەرمىدۇن (Eraxinus excelsior) كۈمۈش ئۆرۈك قاتارلىقلارنىڭ ئۇرۇقى ئانا تېنىدىن ئايرىلغاندا تۆرەلمىسى مۇكەممەل يېتىلمىگەن بولۇپ، بىر مەزگىلدىن كېيىن تولۇق يېتىلىپ ئاندىن بىخلىنىش دەرىجىسىگە يېتىدۇ؛ ئامېرىكا ئەرمىدۇن (Eraxinns amricana) نىڭ ئۇرۇقى ۋە مېۋە پوستىدا ئارتۇق مىقداردا تىزگىنلىگۈچى ماددا ABA بولغاچقا، ئۇرۇقى ئۇخلايدۇ. ئۇخلاش جانلىقلار دۇنياسىدىكى پايدىلىق بولمىغان شارائىتتىن ئۆتۈپ ئۆزىنى ساقلاپ قالىدىغان بىر خىل ماسلىشىش تەسىرىدىن ئىبارەت. ئۇ ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولغان بىرخىل ھادىسە، كۆپلىگەن ئۇرۇقلاردا ئۇخلاش ھادىسىسى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى كۆپلىگەن ئۆسۈملۈكلەرنىڭ بىخىمۇ ئۇخلىغان ھالەتتە تۇرىدۇ. ئۇخلاش ھايۋاناتلار دۇنياسىدىمۇ مەۋجۇت.