Chinese→UyghurMain Dictionary
中世纪
ئۇنىۋېرسال
zhōng shì jì
ئوتتۇرا ئەسىر؛ ئوتتۇرا ئەسىرلەر
دۇنيا تارىخى
ئوتتۇرا ئەسىر
لاتىن يېزىقىدا Mediumaevum دەپ يېزىلىپ، كلاسسىك مەدەنىيەت دەۋرى (يۇنان، رىم) بىلەن كلاسسىك مەدەنىيەتنىڭ <قايتا گۈللىنىش> دەۋرى ئوتتۇرىسىدىكى دەۋرىنى كۆرسىتىپ، تەخمىنەن مىلادى Ⅴ ئەسىردىن ⅤⅩ ئەسىرگىچە بولغان دەۋرگە توغرا كېلىدۇ. بۇ سۆزنى ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ گۈللىنىش مەزگىلدە، ئىتالىيە گۇمانىزمچىسى بىئوندو ئىجاد قىلغان بولۇپ، كېيىن كەڭ قوللىنىلغان. <ئوتتۇرا قەدىمكى زامان> ياكى <ئوتتۇرا ئەسىر> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ، قەدىمكى زامان بىلەن يېقىنقى زاماننىڭ ئارىلىقىنى يەنى قۇللۇق جەمئىيىتى پارچىلانغاندىن باشلاپ كاپىتالىزمغا ئۆتكىچە بولغان دەۋرنى كۆرسىتىدۇ. ماركسىزملىق تارىخشۇناسلىق ئۇنى فېئودالىزم دەۋرى دەپ قاراپ، دەسلەپكى، ئوتتۇرا ۋە كېيىنكى دەۋرگە بۆلىدۇ. دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەللەرنىڭ فېئودالىزمغا ئۆتۈش ۋاقتى تەكشى ئەمەس، جۇڭگو ئەڭ بۇرۇن ئۆتكەن بولۇپ، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىر ئۆپچۆرىسىگە توغرا كېلىدۇ. ياۋروپادا، مىلادى 476 - يىلى غەربىي رىم ئىمپېرىيىسى ھالاك بولغاندىن 1640 - يىل ئەنگلىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىغىچە بولغان دەۋرنى ئوتتۇرا ئەسىر دەپ ھېسابلايدۇ.