Chinese→UyghurMain Dictionary
中美洲国家租织
دۇنيا تارىخى
ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسى دۆلەتلىرى تەشكىلاتى
ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسى دۆلەتلىرىنىڭ رايون خاراكتېرلىك تەشكىلاتى. 1951 - يىلى 10 - ئايدا كوستارىكا، سالۋادور، گۋاتېمالا، ھوندۇراس ۋە نىكاراگۇئادىن ئىبارەت ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسىدىكى بەش دۆلەت <ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسى دۆلەتلىرى تەشكىلاتى ئاساسىي نىزامى> نى ئىمزالاپ، شۇ يىلى 12 - ئايدا رەسمىي قۇرۇلغان. مەقسىتى، بەش دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتىن <بىر پۈتۈن گەۋدىلىشىشى> نى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت. 1962 - يىلى 8 - ئايدا، بەش دۆلەت ئىقتىسادىي <بىر پۈتۈن گەۋدىگە ئايلاندۇرۇلغان> ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسى ئورتاق بازىرىنى قۇرغاندىن كېيىن، بەش دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى سالۋادوردا يېڭى ئاساسىي نىزام ئىمزالاپ، ئۆزگەرتىپ تەشكىل قىلغان ۋە تەشكىلىي ئورگىنى - رۇڭتۇڭلار يىغىنى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىساد مىنىستىرلىرىدىن تەركىب تاپقان ئىقتىسادىي كېڭەش مەجلىس مەسلىھەت بېرىش ئورگىنى ھېسابلىنىدۇ. باش شتابى سان - سالۋادوردا.