Chinese→UyghurMain Dictionary
中非
Domain: دۇنيا يەر - جاي ناملىرىzhōng fēi
ئوتتۇرا ئافرىقا
Domain: دۇنيادىكى شەھەرلەرئوتتۇرا ئافرىقا
شەرقتە شەرقىي ئافرىقا چوڭ ئۈزۈلمە بەلبېغىدىن غەربكە قاراپ تاكى ئاتلانتىك ئوكيان قىرغىقىغا قەدەر، جەنۇبىي كەڭلىك 18° دىن شىمالىي كەڭلىك 23° قا قەدەر بولغان ئورۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەيدانى 6 مىليون 610 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ رايون شىمالدىن جەنۇبقا قاراپ بىستى ئېگىزلىكى، چاد كۆل ئويمانلىقى، كامېرون ۋە ئازاندې ئېگىزلىكى، كونگو ئويمانلىقى ۋە تۆۋەنكى گۋېنىيە بىلەن لوندا - كاتانگا ئېگىزلىكىدىن ئىبارەت بەش رايونغا بۆلۈنىدۇ. چاد، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى، زايىر، ئانگولا، گابون، كونگو، ئېكۋاتور گۋېنىيىسى، كامېرون، سانتو - پىرىنسىپىدىن ئىبارەت توققۇز دۆلەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاھالىسى 6 مىليوندىن ئاشىدۇ (1983)، ئاھالىنىڭ 80% دىن كۆپىنى سۇدان تىل سىستېمىسىدىكى نىگېرلار تەشكىل قىلىدۇ. شىمالىي رايونلارنىڭ ئىقلىمى قۇرغاق ۋە چۆل ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ، كامېرون تاغلىرىنىڭ ئىقلىمى نەم بولۇپ، يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 10 مىڭ 227 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ. بۇ رايوننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىن ئېكۋاتور سىزىقى كېسىپ ئۆتكەنلىكتىن، ئىقلىمى بىلەن تەبىئىي جۇغراپىيىلىك بەلباغلىرى ئېكۋاتورنىڭ ئىككى تەرىپىگە قاراپ قانۇنىيەتلىك ئورۇنلاشقان.
GetWord Corpus
Pronunciation: 8zhōng fēi
ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى (قىسقارتىلمىسى)
ئوتتۇرا ئافرىقا
Specialized
Domain: 区号和邮政编号zhōng fēi
ئوتتۇرا ئافرىقا
非洲
About this entry
This is a Chinese–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.