Chinese→UyghurMain Dictionary
植物性别表现
بىئولوگىيە
ئۆسۈملۈكلەر جېنسىنىڭ ئىپادىلىنىشى
ئۆسۈملۈكلەرنىڭ جىنسىي پەرقىنىڭ ئايرىمىسى تۆۋەن دەرىجىلىك ئۆسۈملۈكلەر بىلەن يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆسۈملۈكلەردە ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولىدۇ. يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆسۈملۈكلەردە روشەن بولغان جىنسىي ئورگان - گۈل بولىدۇ. گۈلدىكى ئاتىلىق بىلەن ئانىلىقنىڭ پەرقلىنىشى جىنسىي ئايرىمىسىنىڭ ئىپادىلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. گەرچە تۆۋەن دەرىجىلىك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ جىنسىي ئايرىمىسى يۇقىرى دەىجىلىك ئۆسۈملۈكلەرنىڭكىگە ئوخشاش روشەن ئايرىلمىسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ جىنسلىق دەۋرىدە ناھايىتى روشەن بولغان جىنسىي پەرقى بولىدۇ. ئۆسۈملۈكلەنرىڭ جىنسىي كۆپ خىل بولۇش ۋە ئاسان ئۆزگىرىش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. جىنسنىڭ بەلگىلىنىشى بىر تەرەپتىن ئىرسىيەت ئامىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، بۇنىڭدىن باشقا تاشقى دۇنيادىكى مۇھىت ئامىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ناھايىتى ئاسانلا ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. ئادەتتە، ئازوتلۇق ئوزۇقلۇق يېتەرلىك بولغاندا، يۇقىرى نەملىك، تۆۋەن تېمپېراتۇرا، كۆك نۇر، CO ۋە سىتوكىنىن قاتارلىق ئامىللار ئانىلىق جىنسنىڭ دىففېرېنسىيىلىنىشىگە پايدىلىق؛ كالىيلىق ئوغۇت يېتەرلىك بولغاندا يۇقىرى تېمپېراتۇرا، تۆۋەن نەملىك، قىزىل نۇر، ھاۋا تەركىبىدىكى CO نىڭ مىقدارى تۆۋەن بولۇش ە گىببېرېللىن قاتارلىق ئامىللار ئاتىلىق جىنىسنىڭ دېففېرېنسىيىلىنىشى ئۈچۈن پايدىلىق. يورۇتۇش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇنلۇقىنىڭ جىنسىي ئايرىمىسىغا بولغان تەسىرى ئۆسۈملۈكنىڭ يورۇقلۇق دەۋرىلىك تىپىگە قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ. قىسقا كۈن قىسقا كۈنلۈك ئۆسۈملۈكنىڭ ئانىلىق گۈلىنىڭ كۆپرەك ئېچىلىشىنى، ئۇزۇن كۈنلۈك ئۆسۈملۈكنىڭ ئاتىلىق گۈلىنىڭ كۆپرەك ئېچىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇزۇن كۈننىڭ تەسىرى بۇنىڭ ئەكسىچە بولىدۇ. ئۆسۈملۈك جىنسنىڭ ئىپادىلىنىشىنى تىزگىنلەش نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەتتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. جىنسى ئوخشاش بولمىغان ئورگان ۋە ئۆسۈملۈك تۈپىنىڭ ئىقتىسادىي قىممىتىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. كۆپ ساندىكى دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى ۋە مېۋىلىك دەرەخلىرىنىڭ ئۇرۇقى ۋە مېۋىسى ئۇلاردىن ئېلىنىدىغان ھوسۇلنىڭ ئوبيېكتى بولغاچقا، ئانىلىق گۈل ۋە ئانىلىق تۈپنىڭ كۆپ بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ؛ ھوسۇل ئېلىش ئوبيېكتى تالا بولغان كەندىرە ئاتىلىق تۈپىنىڭ كۆپرەك بولىشى تەلەپ قىلىنىدۇ، چۈنكى ئاتىلىق تۈپنىڭ تالاسىنىڭ تارتىلىش كۈچىنىشى ئانىلىق تۈپنىڭكىدىن كۈچلۈك بولىدۇ.