Chinese→UyghurMain Dictionary
治党
دۇنيا تارىخى
مۇختارىيە پارتىيىسى
ھىندىستان خەلق كونگرېسى پارتىيىسىدىكى بىر گۇرۇھ. 1922-يىلى باردورى قارارىدىن كېيىن خگلق كونگرېسى پارتىيىسى رەھبەرلىك گۇرۇھى گەندى باشچىلىقىدىكى <ئۆزگەرتمەسلىك گۇرۇھى> بىلەن موتىلال نېھرو باشچىلىقىدىكى <ئۆزگەرتىشنى تەشەببۇس قىلغۇچىلار گۇرۇھى> غا بۆلۈنۈپ كەتكەن. <ئۆزگەرتىشنى تەشەببۇس قىلغۇچىلار گۇرۇھى> قانۇن چىقىرىش پارلامېنتى ئىچىدە قارشىلىشىشتىن ۋاز كېىپ، سايلامغا قاتنىشىپ، قانۇن چىقىرىش پارلامېنتى ئىچىدە تۇرۇپ، كۈرەش قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. بۇ تەشەببۇس 1922-يىلى 12-ئايدا چاقىرىلغان خەلق كونگرېسى پارتىيىسىنىڭ گائا يىللىق يىغىنىدا رەت قىلىنغان. <ئۆزگەرتىشنى تەشەببۇس قىلغۇچىلار> 1923-يىلى 3-ئايدا ئاللا ئاللاباد تا قۇرۇلتاي چاقىرىپ، <ئاپتونومىيە پارتىيىسى> نى قۇرۇپ، پارتىيە پروگراممىسىنى تۈزۈپ چىققان ھەمدە قانۇن چىقىرىش پارلامېنتى سايلىمىغان قاتنىشىدىغان نامزاتلارنىڭ ئىسىملىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ھۆكۈمەتتە ۋەزىپە ئۆتىمەسلىكىنى بەلگىلىگەن ھەمدە خەلق كونگرېسى پارتىيىسى ئىچىدە تۇرۇپ خەلق كونگرېسى پارتىيىسىنىڭ ئۆز پروگراممىسىنى يولغا قويۇشنى قولغا كلەتۈرۈشنى قارار قىلغان. 1923-يىلى 11-ئايدا مەركىزىي قانۇن چىقىرىش پارلامېنتى سايلىمىدا ئاپتونومىيە پارتىيىسىدىكىلەر 45 ئاۋازغا ئىگە بولۇپ، پۈتۈن ئاۋازنىڭ يېرىمىغا يېقىنلىشىپ قالغان. 1924-يىلى 11-ئايداگەندى ئاپتونومىيە پارتىيىسىنىڭ داھىيىلىرىدىن بىرى بولغان. داس بىلەن سۆھبەت قىلىنغاندىن كېيىن <گەندى - داس كېلىشىمى> نى ئېلان قىلىپ، ئاپتونومىيە پارتىيىسىگە قانۇن چىقىرىش پارلامېنتىدا خەلق كونگرېسى پارتىيىسىگە ۋەكىللىك قىلىش ھوقۇقىنى بەرگەن. 1925 - 1928-يىللىرى ئاپتونومىيە پارتىيىسى خەلق كونگرېسى پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىنى كونترول قىلغان. پارتىيە ئىچىدە بارا - بارا ھەمكارلاشقۇچىلار گۇرۇھى شەكىللىنىپ، مۇستەقىل بولۇش تەلىپىدىن ۋاز كېچىپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىنى قوبۇل قىلغانلىقتىن تەدرىجىي پارچىلىنىشقا قاراپ يۈزلەنگەن.