Chinese→UyghurMain Dictionary
蒸腾作用
بىئولوگىيە
پارغا ئايلاندۇرۇش
ئۆسۈملۈك تىنى ئىچىدىكى سۇنىڭ گاز ھالەتتە ئاتموسفېراغا تارقىلىش جەريانى. ئۆسۈملۈك تېنى ئىچىدە كۆپ مىقداردا سۇ بولۇپ، ئۆسۈملۈكنىڭ ھاياتلىق پائالىيىتىدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. بىراق ئۆسۈملۈك سۈمۈرگەن سۇنىڭ بىر پىرسەنتكە يەتمەيدىغان قىسمى ھەر خىل مېتابولىزم پائالىيەتلىرى ياكى باشقا جەريانغا ئىشلىتىلىدۇ. 99 پىرسەنتتىن كۆپرەك قىسمى بولسا ئاتموسفېراغا تارقىلىپ كېتىدۇ. پارغا ئايلاندۇرۇش ئورنىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن بىر قانچە خىلغا بۆلۈنىدۇ: قوۋزاق تۆشۈكى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدىغان پارغا ئايلاندۇرۇش قوۋزاق تۆشۈكىدىن پارغا ئايلاندۇرۇش دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ پۈتۈن پارغا ئايلاندۇرۇشنىڭ پەقەت 1.0 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ، مۈڭگۈزلۈك قەۋەت ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدىغان پارغا ئايلاندۇرۇش مۈڭگۈزلۈك قەۋەتتىن پارغا ئايلاندۇرۇش دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ ئاساسەن يۇمران ئۆسۈملۈكلەر ياكى قىسمەن ئورۇندا ئېلىپ بېرىلىدۇ؛ ھاۋا تۆشۈكى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدىغان پارغا ئايلاندۇرۇش ھاۋا تۆشۈكىدىن پارغا ئايلاندۇرۇش دەپ ئاتىلىدۇ.
ئۆسۈملۈك
zhēng téng zuò yòng
ترانسپىراتسىيەDتەبىئىي جۇغراپىيە
zhēng téng zuò yòng
تراسپراتسىيە، يېشىل ئۆسۈملۈكلەرنىڭ سۇنى ھورغا ئايلاندۇرۇشىDئورمانچىلىق
zhēng téng zuò yòng
ھورلاندۇرۇش رولىDدېھقانچىلىق
zhēng téng zuò yòng
پارلاندۇرۇش رولى