Chinese→UyghurMain Dictionary
战时拒不救治伤病军人罪
جىنايەت ۋە جازا
ئۇرۇش مەزگىلىدە يارىدار ۋە كېسەل ھەربىيلەرنى قۇتقۇزۇپ داۋالاشنى رەت قىلىش جىنايىتى
بۇ - ھەربىيلەرنىڭ ئۇرۇش مەزگىلىدە قۇتقۇزۇش، داۋالاش ئورنىدا، قۇتقۇزۇش - داۋالاش شارائىتى بار تۇرۇقلۇق كېسىلى خەۋپلىك، ئېغىر ھەربىيلەرنى قۇتقۇزۇپ داۋالاشنى رەت قىلغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - ھەربىي قىسىمنىڭ ئۇرۇش تەرتىپى ۋە ھەربىيلەرنىڭ ھاياتىي ساغلاملىق ھوقۇقى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە ئۇرۇش مەزگىلىدە قۇتقۇزۇش، داۋالاش ئورنىدا، قۇتقۇزۇش - داۋالاش شارائىتى بار تۇرۇقلۇق كېسىلى ئېغىر، ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالغان ھەربىيلەرنى قۇتقۇزۇپ داۋالاشنى رەت قىلغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ھەربىي خادىملار ئىچىدىكى قۇتقۇزۇش، داۋالاش مەجبۇرىيىتى بولغان ھەربىيلەر بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
445 - ماددا ئۇرۇش مەزگىلىدە قۇتقۇزۇش - داۋالاش ئورنىدا، قۇتقۇزۇش، داۋالاش شارائىتى بار تۇرۇقلۇق كېسىلى خەۋپلىك، ئېغىر ھەربىيلەرنى قۇتقۇزۇپ داۋالاشنى رەت قىلغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ يارىدار كېسەل ھەربىيلەرنىڭ ئېغىر دەرىجىدە مېيىپ بولۇشىنى، ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارغا ياكى باشقا قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
قانۇن
zhàn shí jù bù jiù zhì shāng bìng jūn rén zuì
ئۇرۇش مەزگىلىدە يارىدار، كېسەل ھەربىيلەرنى قۇتقۇزماسلق، داۋالىماسلىق جىنايىتى