Chinese→UyghurMain Dictionary
战时故意提供虚假敌情罪
جىنايەت ۋە جازا
ئۇرۇش مەزگىلىدە دۈشمەن ئەھۋالى توغرىسىدا قەستەن يالغان مەلۇمات بېرىش جىنايىتى
بۇ - ئۇرۇش مەزگىلىدە قوراللىق قىسىملارغا دۈشمەن ئەھۋالى توغرىسىدا قەستەن يالغان مەلۇمات بېرىپ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - قوراللىق قىسىملارنىڭ ھەربىي ئىشلار ھەرىكىتى ۋە ئۇرۇش قىلىش مەنپەئەتى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى قوراللىق قىسىملارغا دۈشمەن ئەھۋالى توغرىسىدا يالغان مەلۇمات بېرىپ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان قىلمىشنى سادىر قىلغان بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
377 - ماددا ئۇرۇش مەزگىلىدە قوراللىق قىسىملارغا دۈشمەن ئەھۋالى توغرىسىدا قەستەن يالغان مەلۇمات بېرىپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
قانۇن
zhàn shí gù yì tí gōng xū jiǎ dí qíng zuì
ئۇرۇش مەزگىلىدە دۈشمەن ئەھۋالىدىن قەستەن يالغان مەلۇمات بېرىش جىنايىتى