Chinese→UyghurMain Dictionary
战时共产主义
دۇنيا تارىخى
ئۇرۇش مەزگىلىدىكى كوممۇنىزم
ھەربىي كوممۇنىزم دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1918 - 1920 - يىللىرى سوۋېت دۆلىتى چەتنىڭ قوراللىق مۇداخىلىسىگە قارشى تۇرۇش ۋە ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلىدە يولغا قويغان ئىقتىسادىي سىياسىتى. ئىگىلىك قاتتىق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، ماددىي ئەشيالار ئىنتايىن كەمچىل بولغان شارائىتتا دۆلەتتىكى بارلىق تەبىئىي بايلىقلارنى سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈپ، ئالدىنقى سەپنىڭ ئېھتىياجىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن قوللانغان سىياسەت. ئاساسىي تەدبىرلەر: ئېشىنچە ئاشلىقنى يىغىش (يەنى بەلگىلەنگەن باھا بويىچە دېھقانلارنىڭ قولىدىكى ئارتۇق ئاشلىقنى يىغىۋېلىش) تۈزۈمىنى يولغا قويۇش، ئاشلىق مونوپولىيىسىنى كۈچەيتىش، شەخسلەرنىڭ ئاشلىق سوممىسىنى چەكلەش؛ پۈتكۈل سانائەت ۋە سودىنى دۆلەت ئىختىيارىغا ئۆتكۈزۈپ، ئىشلەپچىقىرىش ۋە مەھسۇلاتلارنى تەقسىم قىلىشتا قاتتىق نازارەتنى يولغا قويۇش، شەخسلەرنىڭ كۈندىلىك لازىمەتلىكلەر بىلەن تىجارەت قىلىشىنى مەنئى قىلىش، ئاساسلىق ئىستېمال بۇيۇملىرىدا نورمىلىق سېتىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش، <ئىشلىمىگەنلەر چىشلىمەسلىك> پرىنسىپى بويىچە پۈتكۈل سىنىپلرنىڭ خالىسانە ئەمگەك تۈزۈمىنى يولغا قويۇشتىن ئىبارەت. بۇ سىياسەت ئىچكى ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتە مۇھىم تارىخىي رول ئوينىغان. ئۇرۇش ئاياغلاشقاندىن كېيىن 1192 - يىلى ئەتىيازدا يېڭى ئىقتىسادىي سىياسەت يولغا قويۇلغان.