Chinese→UyghurMain Dictionary
詹姆士一世
دۇنيا تارىخى
جامېس Ⅰ
(1566 - 1625)، شۇتلاندىيە كورۇلى (1567 - 1625) ۋە ئەنگلىيە كورۇلى (1603 - 1625) ئانىسى شوتلاندىيىنىڭ كورۇلىۋاسى مار ستۇئارت. 1567-يىلى ئانىسى تەختتىن چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن، شوتلاندىيىنىڭ كورۇللۇق تەختىگە ئولتۇرپ، جامېس Ⅵ دەپ ئاتالغان. 1603 - يىلى ئەنگلىيە كورۇلىۋاسى ئېلىزابىتا Ⅰ ئۆلۈپ، تەختە ۋارىسى ئۈزۈلۈپ قالغاندا، ئۇ ئەنگلىيە كورۇللۇق تەختىگە قوشۇمچە ۋارىسلىق قىلىپ، جامېس Ⅰ دەپ ئاتالغان. شۇنىڭ بىلەن ستۇئارت سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى باشلانغان. ئەنگلىيە بىلەن شوتلاندىيە گەرچە بىر كۇرۇلغا قارىسىمۇ، ئەمما ھەقىقىي تۈردە قوشۇلۇپ كەتمىگەن. مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقنى يولغا قويۇپ، خۇدا ھەققىدە سۆز - چۆچەك قىلىش خۇداغا بىھۈرمەتلىك قىلغانلىق بولىدۇ، كورۇل ئۈستىدە سۆز - چۆچەك قىىلش ئاسىيىلىق قىلغانلىق بولىدۇ، دەپ جاكارلاپ، پادىشاھنىڭ ھوقۇقىنى قانۇن بىلەن پارلامېنتنىڭ ئۈستىگە قويغان؛ ئەنگلىيە دۆلەت دىنىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى قوغداپ، پۇرىتانىستلار (كالۋىن دىنىنىڭ مۇتىلىرى) غا زىيانكەشلىك قىلغان؛ مالىيە قىيىنچىلىقىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، پارلامېنتتن ئۆتكۈزمەيلا بىۋاسىتە يېڭى باج ئېلىپ، چېگرا بېجىنى ئۆستۈرگەن ھەمدە مەجبۇرىي ھالدا زايوم تارقاتقان. سىرتقا قارىتا، 1604-يىلى ئەنگلىيىنىڭ كۈچلۈك دۈشمىنى ئىسپانىيە بىلەن سۈلھ قىلىشقان. شۇنىڭ نەتىجىسىدە بۇرژۇئازىيە ۋە يېڭى ئاقسۆڭەكلەر بىلەن بولغان زىددىيەتنى كەسلىنلەشتۈرۈپ، ئەنگلىيە برژۇئا ئىنقىلابىنىڭ پارتلىشىنى تېىزلەشتۈرگەن.