UyghurMain Dictionary
زەئىپ
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
كۈچ - قۇۋۋىتى يېتەرسىز.
قاۋۇل، تېمەن، زەبەردەست، تەمبەل
كۈچ - قۇۋۋىتى يېتەرلىك.
قاۋۇل ئالتە بالىنى ئىشچان ئاتا باقىدۇ. تەمبەل تەنگە باغلىق. تېمەن تېنىمەس. زەبەردەست يىگىت دۈشمەنگە تەسلىم بولمايدۇ. ئاجىز دۈشمەنمۇ يادىڭدا بولسۇن. كېسەل ئاجىزغا ئېجىل. قالىغاچ قارا نېمە، قاناتىدىن ئايرىلمىسۇن، قىز بالا ئاجىز نېمە، ئاناسىدىن ئايرىلمىسۇن. زەئىپ بولساڭمۇ رەزىل بولما. ئۇ پۈۋ دېسە ئۇچۇپ كېتىدىغان ئاجىز ئادەم.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئەرەبچە
جىسمانىي قۇۋۋىتى كەم، قۇۋۋەتسىز، ئاجىز، كۈچسىز.
بۇ زەئىپ بەدەننىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرۈشكە توغرا كېلەتتى.
سىياسىي، ئىقتىسادىي، ھەربىي ۋە باشقا جەھەتتىن كۈچى ئاجىز؛ كۈچسىز.
جۇڭگو ئىلگىرى مەدەنىيەتتە قالاق، ئىقتىسادىي ئەھۋالى زەئىپ بىر دۆلەت ئىدى.
پەس، بوش، سۇس، كۈچسىز، ئاجىز (ئاۋاز ھەققىدە).
ئانا <ئاھ بالام> دەپ زەئىپ ئاۋازدا پىچىرلىدى.