UyghurMain Dictionary
زەرىف
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
پاك، پاكىز؛ گۈزەل؛ خۇش مىجەز؛ خۇش چاقچاق.
ھوشيار، زېرەك، دانا:
شائىر تەبئى ھەمە فەھمۇ زەرىف،
شائىرى غەيبى خۇداغە ھەم قەرىب.
خەراباتى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ھۇشيار، ئەقىللىق، كېلىشكەن، كۆركەم، گۈزەل، نازۇك، نازۇك ۋە گۈزەل سۆزلىگۈچى، خۇش سۆزلۈك كىشى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(ئەرەبچە)
پاك، تازا، پاكىزە، پەملىك، زىرەك؛ ئەقىللىق، دانا. باشقا شەكىللىرى: زەرىفباي، زەرىفجان.