UyghurMain Dictionary
زەردە
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
سېرىقلىق، سېرىق تۈسلۈك، سارغايغان.
ئوت، سەپرا.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
سېرىق تۈسلۈك؛ ئۆت، سەپرا، كۆچمە مەنىسى: ئاچچىق سۆز؛ سېرىق ئات.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قاتتىق نەپرەت تۇيغۇسىدىن پەيدا بولغان روھىي ھالەت.
ئاچچىق كەلسە، ئەقىل قاچىدۇ. ئاچچىقتىن قېرىيسەن، كۈلكىدىن ياشىرىسەن. غەزەپ ئەقىل چىرىغىنى ئۆچۈرەر. خۇدانىڭ قەھرى تۇتسا، چۈمۈلىگە قانات بېرەر. قەھرى بار، غەيرىتى يوق. جۇدۇنى تۇتسا، ئۇ ھەر بالادىن يانمايدۇ. ھاۋانىڭ گۈلدۈرى بار، يامغۇرى يوق، قېرىنىڭ جۇدۇنى بار، ماغدۇرى يوق. زەردىسى بارنىڭ ئەقلى بولسا، ئىش ئاسان بولاتتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
ئاشقازاندىكى ئۆت سۇيۇقلۇقى، سەپرا.
پېتىر ناننى كۆپرەك يەپ قويسام، زەردەمنى قاينىتىپ قويىدۇ.
كۆچمە. كۈچلۈك غەزەپ، نەپرەت، ئاچچىق.
زەردىسى ئۆرلىمەك. زەردە قىلماق. زەردىسى كۈچلۈك.