UyghurMain Dictionary
زەربە
مەنىداش سۆزلۈكلەر
نالايىق ئىش _ ھەرىكەتلەرگە قارىتا ئېيتىلىدىغان قاتتىق ۋە ئاچچىق سۆز، تەنبىھ.
دەردمەنگە دەككە بەرمە. دەشنام يېگىنىم _ بەش نان يېگىنىم. بىرىنچى زەربە ئۇرۇشنىڭ يېرىمىغا تەڭ. قاتتىق سوققا تەلۋىنى تۈزەيدۇ. داۋىخورنىڭ داۋىسىنى بەر.ھورۇن دوق يەيدۇ، باتۇر ئوق. يۇرتىغا ئىشەنگەن پەشۋا يېمەس. قىلغىنىغا يارىشا تېپىك يېدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
يوقىتىش رولىنى ئوينايدىغان كەسكىن ھەرىكەت.
بۇ قېتىمقى زەربە داۋۇت موللامغا ئالەمدىكى بارلىق زەربىلەردىن نەچچە ھەسسە ئېغىر بولدى.
ئېغىرشىكەست، قاتتىق زىيان - زەخمەت.
كالتەك زەربىسى بىلەن ئۇلاردىن ئىككىسى ئىككى ياققا يىقىلدى.