Uyghur←ChineseMain Dictionary
زەپەر دەرۋازىسى
دۇنيا تارىخى
凯旋门
kǎi xuán mén
(1) قەدىمكى رىمدىكى بىر خىل قۇرۇلۇش. ھەربىي باش قوماندانلار ئۆزلىرىنىڭ ھەربىي يۈرۈشتىكى غەلىبىسىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، دائىم رىم شەھىردىكى مۇھىم كوچا ياكى رايونلاردا زەپەر دەرۋازىسى ياساتقان؛ بۇ ھەم رىم دۆلىتىنىڭ ئۆزىنىڭ ھەربىي مۇۋەپپەقىيىتىنى كۆز - كۆز قىلىشتىكى بىر خىل شەكلى. ئادەتتىكى ئەگمە ئىشىك قۇرۇلمىسىدا ياسالغان بولۇپ، كۆرۈنۈشى ھەيۋەتلىك، ئۈستى تەرىپىگە باش قومانداننىڭ ئىسمى، ئىش ئىزلىرى ۋە ھەر خىل قاپارتما رەسىملەر ئويۇلغان. قەدىمكى زاماندىكى يازۇغۇچىلارنىڭ ئېيتىشىچە رىم شەھىرىدە جەمئىي 21 زەپەر دەرۋازىسى بولغان. مەسىلەن، مىلادى 16-يىلى ئىمپېراتور ئاۋگۇست كائېسار مەيدانىدا ياساتقان زەپەر دەرۋازىسى، مىلادى 16-يىلى ئىمپېراتور تىبېرىي گېرمانلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلغاندا ياساتقان زەپەر دەرۋازىسى؛ مىلادى 70-يىلى ئاتا - بالا ۋېيپاسىئان بىلەن تىت يەھۇدىيلار قوزغىلىڭىنى باستۇرغاندىن كېيىن ياساتقان تىت زەپەر دەرۋازىسى (مىلادى 81-يىلى مەرمەر تاش بىلەن ياسالغان، ئېگىزلىكى 20 مېتىر كېلىدۇ). ئۇنىڭدىن باشقا ترايان، سېۋېر، كونىستانتىن قاتارلىق ئىمپېراتۇرلارمۇ زەپەر دەرۋازىسى ياساتقان. تىت بىلەن كونستاتىن زەپەر دەرۋازىسىنىڭ خارابىسى ھازىرغىچە ساقلانماقتا. زەپەر دەرۋازىسى ياسىتىش ھەربىي غەلىبە ئەنئەنىسىنىڭ سىموۋولى سۈپىتىدە كېيىنكى دەۋرگىچە داۋاملاشقان. مەسىلەن، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ياسالغان فرانسىيىدىكى پارىژ زەپەر دەرۋازىسى. (2) فرانسىيىدىكى ناپولېئون ئىمپېرىيىسى دەۋرىد پارىژدا ياسىتىلغان خاتىرە خاراكتېردىكى قۇرۇلۇش.جەمئىي ئىككى؛ (1) كاروسېل مەيدانىدىكى زەپەر دەرۋازىسى بولۇپ، 1806 - 1809-يىللىرى ياسالغان. 1871-يىلى پارىژ كوممۇنىسى دەۋرىدە بۇزۇۋېتىلگەن. (2) يۇلتۇز مەيدانىدىكى زەپەر دەرۋازىسى بولۇپ، 1792-يىلدىن بۇيانقى فرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ياسالغان. 1806-يىلى ئىش باشلىنىپ 1836-يىلى پۈتكەن. ئەگمە دەرۋازىنىڭ ئېگىزلىكى 49.54 مېتىر، كەڭلىكى 44.82 مېتىر، قېلىنلىقى 22.21 مېتىر كېلىدۇ. ئۈستى تەرىپى چوڭ تىپتىكى نۇرغۇن قاپارتما نەقىشلەر بىلەن زىننەتلەنگەن، نەققاش رۇدې (1784 - 1855) ئويۇپ چىققان پىدائىيلار قوشۇنىنىڭ يۈرۈش مارشى (يەنى مارسېل مارشى) ئەڭ مەشھۇر. ئەگمە دەرۋازىنىڭ ئىچى تەرىپىگە زور ئىنقىلابتىن بىرىنچى ئىمپېرىيە دەۋرىگىچە ئۇرۇشقا قاتناشقان 386 نەپەر گېنېرال ۋە ئوفىتسېرنىڭ ئىسمى ئويۇلغان. 1920- يىل 11-ئاينىڭ 11-كۈنى زەپەر دەرۋازىسىنىڭ ئاستىغا بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا قۇربان بولغان نامسىز بىر جەڭچى دەپنە قىلىنىپ، ئۈستىگە ئۆچمەس چىراغ يېقىپ قويۇلغان.
ئىستېتىكا,ئۇنىۋېرسال
凯旋门
kǎi xuán mén