UyghurMain Dictionary
زەمبىل
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تال چىۋىقتىن ياكى سىمدىن توقۇلغان، ئاشلىق ۋە باشقا نەرسىلەر سېلىپ قويۇلىدىغان، توشۇلىدىغان سايمان.
«تەۋەڭ» ياپىلاق بولىدۇ.
«كاجىۋا» ئاساسەن ئات - ئۇلاغقا ئارتىپ، ئادەم توشۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
سۈكەندە ئاش، كاجىۋادا باش. توكاڭ ئاشلىققا تولۇق. ئاشنى باراڭدىن سوراڭ، ئىشنى كارداندىن. باينىڭ كۆشۈكىدە سۇ توختايدۇ. تەۋەڭلەردە نان تىزىلغان. زەمبىلدە ئوغۇت توشۇدۇق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
ئىككى پاراللېل دەستىنىڭ ئوتتۇرىسىغا دەرەخ نوتىسىدىن چوڭقۇرراق قىلىپ توقۇلىدىغان ياكى تاختا بېكىتىلىدىغان، توپا، قىغ، تاش قاتارلىقلارنى توشۇش ئۈچۈن تەييارلانغان ئەمگەك قورالى.
زەمبىل توقۇماق. زەمبىل كۆتۈرمەك.