UyghurMain Dictionary
زەھى
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
تېخى؛ ئەجەبمۇ؛ ھەقىقەتەن، راستتىنلا؛ ھەقىقىي، چىن:
ئۈمىددۇركىم سۇ بەرگەيلەر دەرەخنى نەۋ نىھالىڭغە،
چۇنان دەريايى رەھمەتدىن زەھى كىم مېۋەدار ئەيلەپ.
شەۋقى.
زەھى ھۇسنۇڭ زۇھۇرى كەئبە ھەم بۇخانەدە پەيدا،
بۇ رەئناغە مۇسۇلمان بىرلە كاپىر ۋالە ھەم شەيدا.
مەشھۇرى.
بىر قاراپ ۋەلې تاراج ئېتەر ئەقلۇ شەكىب،
ئىشۋەرلەر ئەيلەپ قاراقچىدەك زەھى مەستانە يار.
تەجەللى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
<زىھى> گە قاراڭ.