UyghurMain Dictionary
زىچ
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئارىلىققا قارىتا: بەك يېقىن، بوشلۇق يوق، قىستا - قىستاڭ.
زىرائەتنى مۇۋاپىق زىچ تېرىش لازىم. مىللەتلەرنىڭ زىچ ئىتتىپاقلىقى ئىشىمىزنىڭ كاپالىتى. قېلىن ئورماندا ئاداشماي دېسەڭ، خىيالدىن خالىي بول. قوناق بەك قويۇق بولسا، بېشى ئۇششاق بولۇپ قالىدۇ. قويۇق تۇمان بۆرىنىڭ تويى.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئارىلىق زىچ، ئورۇن كىچىك سانجىق ھالەت. قويۇق قوناق
شالاڭ، تارقاق
ئارىلىق زىچ ئەمەس، ئورۇن چوڭ، سان ئاز ھالەت. شالاڭ قوناق
شالاڭ ئاش باش كۆرسىتىدۇ. قويۇق ئاش چەش. شالاڭ چاچقاندىن قويۇق چاچقان يامان. شالاڭ زىرائەت ئاتقا مىندۈرەر، قېلىن زىرائەت قىرغا. قېلىن تۇمان - بۆرىنىڭ توپى. تارقاق قوناقنىڭ بېشى چوڭ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
بىر - بىرىگە ئىنتايىن يېقىن جايلاشقان، قېلىن، قويۇق.
تۈپتۈز كەتكەن يېزا يولىنىڭ ئەتراپى زىچ باراقسان ئورمان ئىدى.
مۇناسىۋىتى يېقىن، قويۇق؛ مۇستەھكەم، چىڭ.
بۇ ئىككى ئەمەلدارنىڭ ئالاقىسى زىچ، باردى - كەلدىسى قويۇق ئىدى.
كۆچمە. قىس، جىددىي؛ ئالدىراش.
ھاكىمنىڭ ۋاقتى زىچ بولغاچ، گەپنىڭ گۇندىسىنى دەپ خالىقنى قايتۇرۇۋەتمەكچى بولدى.