Uyghur←ChineseMain Dictionary
زېبرا
Domain: بىئولوگىيە斑马
bānmǎ
سۈت ئەمگۈچىلەر سىنىپىنىڭ تاق تۇياقلىقلار ئەترىتى. ئاتلار ئائىلىسىگە كىرىدۇ. باش بىلەن بەدىنىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 2 - 4.2 مېتىر، قۇيرۇق ئۇزۇنلۇقى 47 - 57 سانتىمېتىر، ئېگىزلىكى 2.1 - 4.1 مېتىر، ئېغىرلىقى 350 كىلوگرام، تۈكلىرى سۇس سېرىق، پۈتۈن تېنىدە توغرىسىغا كەتكەن قارا يوللىرى بولىدۇ. يالى يىرىك - قاتتىق. قۇيرۇقى يالىڭاچ بولۇپ، پەقەت ئۇچىدا قىللىرى بولىدۇ. كۆرۈش، پۇراش، ئاڭلاش سېزىملىرى ئۆتكۈر. تۆت پۇتى ئىنچىكە، يۈگۈرۈشكە ماھىر، سۈرئىتى سائىتىگە 4.64 كىلومېتىرغا يېتىدۇ. ئۇ ئافرىقىنىڭ شەرقىي قىسمى، ئوتتۇرا قىسمى ھەم جەنۇبىي قىسمىدىكى ئوتلاق ۋە تاغلىقلارغا ماكانلاشقان، توپلىشىپ ياشاشنى ياخشى كۆرىدۇ، دائىم 10 - 12 بولۇپ ياشايدۇ، ئادەتتە كېچىسى ئوتلايدۇ، ئەتىيازدا تۇغىدۇ، بوغاز مەزگىلى 345 - 390 كۈن، ئۆمرى 28 يىل. ئۇ ئافرىقىدىن چىقىدىغان ئالاھىدە ھايۋان بولۇپ، گۆشىنى يېيىشكە بولىدۇ. ئات ۋە ئېشەكلەر بىلەن شالغۇتلاشتۇرۇشقا، شالغۇتنى ئىشقا سېلىشقا بولىدۇ.
Domain: دۇنيا يەر - جاي ناملىرى泽布拉
zé bù lāDئۇنىۋېرسال
斑马
bān mǎ
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.