UyghurMain Dictionary
زىبا
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
بېرىلگەن، زىننەتلەنگەن؛ گۈەزەل، كۆركەم، چىرايلىق:زىبالىق - گۈزەللىك، زۆسىندارلىق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قەددى - قامىتى كېلىشكەن، غايەت گۈزەل.
خېرىدارىڭ بولمىسا، زىبالىقىڭ نە كېرەك. ياشلىق چېغىڭ _ زىلۋا چېغىڭ. ئادەم تاشتىن قاتتىق، گۈلدىن لەۋەن.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
چىرايى، ھۆسنى، جامالى ۋە ئومۇمەن كۆرۈنۈشى كېلىشكەن، يارىشىملىق، يېقىملىق.
سەت، خۇنۇك، كۆرۈمسىز، بەتبەشىرە، سۆرۈن تەلەت
چىرايى، ھۆسنى، جامالى، تەلەتى ۋە ئومۇمەن كۆرۈنۈشى كېلىشمىگەن، يارىشىملىق يېقىملىق ئەمەس.
چىرايلىق چىرايلىق ئەمەس، سۆيگەن چىرايلىق. چىرايلىقنىڭ دەردى يامان، سەتنىڭ ھالى. كۆرۈپ يۈرگەن چىرايلىقنى ئالغۇچە، كۆرۈپ بىلگەن سەتنى ئال. ئادەم پەقەت ھۆسنى بىلەن گۈزەل ئەمەس، ئادىمىيلىك جەۋھىرى بىلەن گۈزەل. مانتىغا پىياز، سامسىغا تۇز، ھەركىمنىڭ يارى ئۆزىگە ئۇز. لايىقىڭ خۇنۈك بولسا، قېيىن ئاناڭنىڭ كۆركىدىن نېمە پايدا. گۈزەل قىز ئاقىۋەت سەت موماي بولار. كۆرۈمسىز بولسىمۇ ئېرىڭ بولسۇن. خۇنۈكنى پەردازلىساڭمۇ خۇنۈك. دۈشمەننى بەتبەشىرىسى ئاشكارا بولدى. ئالدىمغا بىر سۆرۈن تەلەت خوتۇن چىقتى. ئون سەككىز يېشىڭ - زىبا چېغىڭ، ساھىبجامال تاللاش مۇسابىقىسىدە مۇنەۋۋەر بىرىنچىلىككە ئېرىشتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئەرەبچە
يېزت قەددى - قامىتى كېلىشكەن، چىرايلىق، گۈزەل، بەرنا.
زىبا قىز.
- بەللى، بەللى، 19 ياش ھاياتنىڭ زىبا چېغى.
كۆركەم.
زىبا نەقىشلەر.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
(پارىسچە)
كۆركەم، چىرايلىق؛ گۈزەل ھۆسىن ئىگىسى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
پارىسچە
زىۋا، زىۋاخان، زىۋاگۈل، زىۋاقىز، زىۋاڭخان
زىننەتلىك، كۆركەم، گۈزەل