Chinese→UyghurMain Dictionary
造骨细胞
بىئولوگىيە
سۆڭەك ھاسىل قىلىش ھۈجەيرىلىرى
<سۆڭەك ياساش ھۈجەيرىسى>، <سۆڭەك يىڭنىسى ھۈجەيرىسى> ياكى <سكلېروبلاست> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ ھايۋان تېنىدىكى كالتسىي، كرىمنىيلىق ماددىلار ياكى باشقا قاتتىق ماددىلارنى ئاجرىتىپ چىقىرالايدىغان بىر خىل ئالاھىدە ھۈجەيرە. دېڭىز بۇلۇتىنىڭ سۆڭەك ھاسىل قىلىش ھۈجەيرىلىرى ئوتتۇرا كوللوئىد قەۋىتىگە جايلاشقان بولۇپ، بىر ئوقلۇق، ئۈچ پۇتلۇق، تۆت ئوقلۇق قاتارلىق ھەر خىل تىپتىكى كالتسىيلىق ياكى كرېمنىيلىق سۆڭەك يىڭنىسى ياكى سۆڭەك پلاستىنكىلىرىنى ئاجرىتىپ چىقىرالايدۇ؛ ياكى ئورگانىك ماددىلارنى ئاجرىتىپ تالاسىمان بولۇت يىپچىلىرىنى شەكىللەندۈرىدۇ، بۇنداق سۆڭەكلەرنى ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان ھۈجەيرىلەر بۇلۇت تالاسىنى ھاسىل قىلغۇچى ھۈجەيرىلەر دەپمۇ ئاتىلىدۇ. سۆڭەك ھاسىل قىلىش جەريانىدا ئىككى خىل ھۈجەيرىلەر قاتنىشىدۇ، بىر خىلى ھاسىل قىلغۇچى ھۈجەيرىلەر، بىر ئۇچىدىن يەنە بىر ئۇچىغىچە ئۇزىراپ تەدرىجىي ھالدا سۆڭەك يىڭنىسى ھاسىل قىلىدۇ؛ يەنە بىر خىلى مۇستەھكەملىگۈچى ھۈجەيرىلەر، كالتسىي ماددىسىنى دەسلەپ ھاسىل بولغان سۆڭەك يىڭنىسىگە قوشۇپ پۇختىلايدۇ. ترېپانگىدا سېزوبلاستتىن كەلگەن ھۈجەيرىلەر ئاجرىتىپ ھاسىل قىلغان ئۇششاق كالتسىيلىق سۆڭەك پلاستىنكىلىرى بولىدۇ. سۆڭەك يىڭنىلىرى بىلەن سۆڭەك پلاستىنكىلىرىنىڭ ھەممىسى بىردەك تەن دىۋارى ئىچىگە جايلاشقان بولۇپ، بەدەنگە تىرەكلىك رولىنى ئۆتەيدۇ. شۇنداقلا تۈرلەرگە ئايرىشنىڭ ئاساسى ھېسابلىنىدۇ.