Chinese→UyghurMain Dictionary
暂时联系
تېببىي
zàn shí lián xì
ۋاقىتلىق مۇناسىۋەت، ۋاقىتلىق ئالاقە، ۋاقىتلىق باغلىنىش
پسىخولوگىيە
ۋاقىتلىق باغلىنىش
بۇ ۋاقىتلىق نېرۋا باغلىنىشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ شەرتلىك رېفلېكسنىڭ ئارىلىق ھالقىسىدىكى نېرۋا يولىنى كۆرسىتىدۇ. يەنى ھايۋاندا شەرتلىك رېفلېكس شەكىللىنىش ۋاقتىدا، ئورگانىزم ئۈچۈن ئەھمىيەتسىز ياكى بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى بولمىغان تەسىرنىڭ (مۇناسىۋەتسىز غىدىقلىغۇچى) رىتسىپتورغا تەسىر قىلىشى بىلەن، چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىدىكى مۇناسىپ رايوندا قوزغىلىش مەركىزى پەيدا بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كۈچەيتكۈچى شەرتسىز غىدىقلىغۇچى چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىنىڭ باشقا بىر رايونىدا تېخىمۇ كۈچلۈك مەركەزلەشكەن قوزغىلىش پەيدا قىلسا، مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسى پائالىيىتىنىڭ ئۈستۈنلۈك پرىنسىپى بويىچە مۇناسىۋەتسىز غىدىقلىغۇچى پەيدا قىلغان قوزغىلىش چوڭ مېڭە يېرىم شارلىرىنىڭ ھەممە تەرىپىگە تەكشى تارقىلىپ كەتمەي، شەرتسىز غىدىقلىغۇچى پەيدا قىلغان قوزغىلىش مەركىزىگە تارتىلىپ كېتىدۇ، شۇنداق قىلىپ قوزغىلىش جەريانى ھەرىكىتى بەلگىلىك يۆنىلىشكە ئىگە بولىدۇ. بۇ كۆپ قېتىم تەكرارلىنىش بىلەن ئىككى قوزغىلىش مەركىزى ئارىلىقىدا نېرۋا يولى (باغلىنىش) شەكىللىنىدۇ، ئەسلىدىكى مۇناسىۋەتسىز غىدىقلىغۇچى كۈچەيتكۈچى غىدىقلىغۇچىنىڭ سىگنالىغا ئايلىنىپ، ئەسلىدە پەقەت كۈچەيتكۈچ غىدىقلىغۇچلا پەيدا قىلالايدىغان رېفلېكس پائالىيىتىنى پەيدا قىلالايدىغان بولىدۇ. يەنى شەرتلىك رېفلېكس شەكىللىنىدۇ. مۇنداق نېرۋا يولى (باغلىنىش) تۇراقسىز، ۋاقىتلىق بولىدۇ. يەنى شەرتلىك رېفلېكسنى شەكىللەندۈرگەن مۇناسىۋەتسىز غىدىقلىغۇچىلار تەكرارلىنىپ، شەرتسىز غىدىقلىغۇچى ئارقىلىق كۈچەيتىلمىسە، شەكىللەنگەن نېرۋا يولى (باغلىنىش) تەدرىجىي ھالدا يوقىلىدۇ (يەنى شەرتلىك رېفلېكس تامامەن يوقايدۇ). شۇنىڭ ئۈچۈن، مۇنداق شەكىللەنگەن نېرۋا يولى (باغلىنىش) ۋاقىتلىق نېرۋا باغلىنىشى ياكى ۋاقىتلىق باغلىنىش دەپ ئاتىلىدۇ.
ۋاقىتلىق باغلىنىش پەقەت شەرتسىز رېفلېكس ئاساسىدا بەرپا بولغان شەرتلىك رېفلېكس پائالىيىتى ئارىسىدا مەۋجۇت بولۇپلا قالماستىن، چوڭ مېڭە پوستلىقىدا تەڭ پەيدا بولغان ھەر بىر قوزغىلىش مەركىزى بىلەن تورمۇزلىنىش مەركىزى ئارىسىدىمۇ ۋاقىتلىق باغلىنىش ھاسىل بولۇشى مۇمكىن. ۋاقىتلىق باغلىنىشنىڭ شەكىللىنىشى يۇقىرى دەرىجىلىك نېرۋا پائالىيىتىنىڭ ئەڭ ئالىي شەكلى.
ۋاقىتلىق باغلىنىشنىڭ شەكىللىنىشى ئاساسەن چوڭ مېڭە پوستلىقىدا ئەمەلگە ئاشىدۇ. لېكىن ئومۇمەن نورمال ئەھۋال ئاستىدا چوڭ مېڭە پوستلىقى ئاستىدىكى قىسىملارمۇ ۋاقىتلىق باغلىنىشنىڭ شەكىللىنىشىگە قاتنىشىدۇ. ئۇ قىسىملاردىمۇ بەزى ۋاقىتلىق باغلىنىشلار شەكىللىنەلەيدۇ.
ئىككىدىن ئارتۇق ۋاقىتلىق باغلىنىش ئارىسىدا شەكىللەنگەن باغلىنىش سىستېمىسى ياكى ۋاقىتلىق نېرۋا باغلىنىش سىستېمىسى دەپ ئاتىلىدۇ.
ۋاقىتلىق باغلىنىشنىڭ پەيدا بولۇشى ھايۋانات دۇنياسىنىڭ گىنېئالوگىيىلىك ئۆزگىرىشلىرى جەريانىدا يېڭى ئىنكاس شەكلىنىڭ - پسىخىك ھادىسىسىنىڭ پەيدا بولۇشقا باشلايدىغانلىقىنىڭ نامايەندىسى.