UyghurMain Dictionary
زاھىرىي مەنا
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئايەتلەرنىڭ ئېنىق - چۈشىنىشلىك، تەپسىر قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق مەنىسى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئادەتتە <قۇرئان كەرىم> نىڭ مەككىدە نازىل بولغان سۈرىلىرى، بولۇپمۇ دىنىي قائىدە توغرىسىدىكى سۈرە - ئايەتلىرى مۇشۇ تۈرگە كىرىدۇ، دەپ ھېسابلىنىدۇ. شەرىئەت بەلگىلىمىسى بويىچە زاھىر مەنىلىك سۈرە - ئايەتلەرنى ئەھكام چىقىرىشنىڭ مەنبەسى ۋە ئاساسىي قىلىشقا بولىدۇ. لېكىن، بۇ خىل سۈرە - ئايەتلەرنى ئەھكام قىلغاندا ئۇنى كېڭەيتىشكە توغرا كېلىدۇ. شۇنىڭدىلا ئومۇمىي ئەھمىيەتكە ئىگە فىقھە قائىدىسى بولالايدۇ.