ز[يەشمىسى:] ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئېلىپبەسىنىڭ ئون بىرىنچى ھەرىپى، رەت تەرتىپى جەھەتتە ئون بىرىنچىنى كۆرسىتىدۇ. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى مەنە پەرقلەندۈرۈش رولىغا ئىگە فونېما.[CRLF]«ز» ھەرىپىنىڭ ئايرىم شەكلى ۋە باشتىن ئۇلىنىدىغان شەكلى «ز»، ئايىغىدىن ئۇلىنىدىغان شەكلى «ز»، ئوقۇلۇشى ياكى نامى «زې».[CRLF]«ز» ئۈزۈك تاۋۇش بولۇپ، تاۋۇش چىقىرىش ئورنى جەھەتتىن تىل ئۇچى چىش تاۋۇشى، تاۋۇش چىقىرىش ئۇسۇلى جەھەتتىن سىيرلاڭغۇ تاۋۇش، تاۋۇش پەردىسىنىڭ تىتىرەش-تىتىرىمەسلىكى جەھەتتىن جاراڭلىق تاۋۇشتۇر.