UyghurMain Dictionary
ئىزومىرازىلار
بىئولوگىيە
EC 5، ئوخشاش مولېكۇلىلىق ھەر خىل ئىزومېرلارنىڭ ئۆز ئارا ئۆزگىرىشىگە كاتالىزاتورلۇق قىلىدىغان ئېنزىملار بولۇپ، (1) نۇر بۇرۇلۇشىنى يىمىرگۈچى ئېنزىملار؛ (2) دىففېرېنسىئال ئىزومېرازىلار؛ (3) ئوڭ - تەتۈر ئىزومېرازىلار؛ (4) ئالدېگىد - كېتون ئىزومېرازىلىرى؛ (5) ئورۇن ئۆزگەتكۈچى ئېنزىملار، مەسىلەن، ئامىنو كىسلاتا نۇر بۇرۇلۇشنى يىمىرگۈچى ئېنزىم L - ئامىنو كىسلاتاسى بىلەن D - ئامىنو كىسلاتاسىنىڭ ئۆز ئارا ئۆزگىرىشىگە كاتالىزاتورلۇق قىلىدۇ. يەنى مەسىلەن، گلۇكوزا ئىزومېرازىسى (ئالدېگىد - كېتون ئىزومېرازىسىغا كىرىدۇ) گلۇكوزىنى فرۇكتوزىغا ئايلاندۇرىدۇ.