UyghurMain Dictionary
ئىزاھ
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
چۈشەندۈرۈش، ئىزاھ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سۆز - ھەرىكەت، ۋەقە، ھادىسىلەر ئۈستىدە چۈشەنچە، چۈشەندۈرۈش.
ئېيتقانلىرىڭىز توغرا، بىراق بەزى سۆز، بەزى پىكىرلەر ئىزاھ تەلەپ قىلىدۇ. يېقىندا قارىلىدىغان مەسىلىلەر ئۈستىدە ئىزاھات بېرىلدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
سۆز، ئىبارە ھەم ئۇنىڭ مەنىسى ياكى ۋەقە - ھادىسە ۋە شۇ قاتارلىقلارغا بېرىلگەن چۈشەندۈرۈش؛ ئىزاھات، يەشمە، شەرھ.
ئىزاھ بەرمەك. بوۋاي ئىزاھ تەلەپ قىلىپ ئادىلغا قاراپ قويدى.
تېكىستلارنىڭ ئايرىم يېرىگە كىرگۈزۈلگەن ياكى ئايرىم مەسىلىگە بېرىلگەن چۈشەندۈرۈش؛ قوشۇمچە مەلۇمات، ئەسكەرتىش.
تەرجىمان يەنە ئەسەرنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىش جەريانىدا، كىتابخانلارنىڭ چۈشىنىشىگە قۇلايلىق يارىتىش ئۈچۈن ناھايىتى مۇكەممەل ئىزاھلارنى قوشقان.
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
سۆز، ئىبارە ياكى ۋەقە - ھادىسىلەرنى چۈشەندۈرۈش، شەرھلەش. تېكىستلەرنىڭ ئايرىم يېرىگە كەلتۈرۈلگەن ياكى ئايرىم مەسىلىلەرگە بېرىلگەن قۇشۇمچە مەلۇمات، چۈشەندۈرۈش، ئەسلەتمە، ئۇقتۇرۇش .