UyghurMain Dictionary
ئىز
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
بىر نەرسىنىڭ يەنە بىر نەرسىگە چۈشكەن بەلگىسى، ئىزناسى.
ئىزىغا چۈشمەك. * ئىزىنى يوقاتقان. * يولۋاس ئىزىدىن قايتماس يىگىت سۆزدىن (ماقال). * ئىزنى ئۆچۈرىدىغانمۇ ئىز (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
دىر.
ئىز پۇلى. * بولسا بولار، بولمىسا ئىز پۇلى بولار (ماقال).
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئىز، نىشان:
كۆرۈپدۇركى مۇندا ۋەزىرنىڭ قىزىن،
ئاڭا ئاشىق ئولمىش ئۆپەدۇر ئىزىن.
ئا. نىزارى، ن. زىيائى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئەزىزلىك، ئىززەت، قەدىر - قىممەت.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىش _ ھەرىكەتنىڭ خۇسۇسىيىتىنى كۆرسىتىدىغان، ئايرىمىسىنى بىلدۈرىدىغان ئىزنا.
« ئىز » بىرەر نەرسىدىن چۈشىدۇ.
« تامغا »، « ئەن » لەر كۆپرەك مالغا سېلىنىدۇ.
يېزىق تىلىنى خاتىرلەيدىغان بەلگىلەر سىستېمىسدۇر. سۈكۈت _ رازىلىقنىڭ ئالامىتى. ماڭغان يولدا ئىز قالىدۇ، كۆيگەن ئوتتا كۈل. ئەنگە قاراپ مېلىنى تونۇيدۇ. سىنىپىي جەمئىيەتتە ھەممىگە سىنپىي تامغا بېسىلغان بولىدۇ. مالنى تامغىسىدىن ئايرى، ئادەمنى سۆزىدىن.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئىز.
يەردە ۋە تېرىدە ئۇزۇنىسىغا قالغان سىزىق.
1 - 110
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
چۈشمەك، تۆۋەنلىمەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئاياغ بىلەن يەرنى دەسسىگەندە ياكى بىرەر نەرسىنىڭ يۈزىگە سىزغاندا، جىجىغاندا، يازغاندا ياكى قول بىلەن بىرەر نەرسىنى تۇتقاندا چۈشۈپ قالغان بەلگە، ئىزنا.
ئاياغنىڭ ئىزى. ئاتنىڭ ئىزى. قامچا ئىشى. تاياق ئىزى. ئىز قوغلىماق.
بىرەر نەرسە يۈزىگە يۇقۇشتىن ھاسىل بولغان داغ.
كىيىمىدىكى بۇ قان ئىزىنى ئۆچۈرۈپ تاشلاش ئۈچۈن، رازۋېدكا بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بۈگۈندىن تارتىپ تەكشۈرۈشنى باشلىغانىدى.
كۆچمە. كىشى كۆڭلىدىكى ئازاب، داغ؛ كۆڭۈلدە قەپقالغان مەنىۋى تەسىر.
بۇ ئىش ئۇنىڭ يۈرىكىدە چوڭقۇر ئىز قالدۇردى.
كۆچمە. بىرەر ۋەقەنىڭ يىپ ئۇچى.
ئۇ ياقۇپ ياساۋۇلنى كۆرۈپ ياكى ئۇنىڭ قولغا چۈشكەنلىكىنى ئاڭلاپلا، ئۆز ئىزىنى يوقىتىش ئۈچۈن ئىشقا كىرىشكەنىدى.
ئومۇمەن يول، نىشانە.
يولۋاس ئىزىدىن قايتماس، يىگىت سۆزىدىن (ماقال).
بىرەر ئىشنى قىلىشتا ئۆزىنىڭ بۇرۇنلا تۇتۇپ كەلگەن يولى، ئۇسۇلى.
خىلمۇخىل گەپلەر يۈرۈپتۇ يېزىدا، ئاشپۇزۇل مېڭىۋېرىپتۇ ئىزىدا.
ئەسلىدىكى ئورنى، ئەسلىي ھالىتى.
ئىزىغا چۈشمەك.
ھاياتنىڭ ئەگرى - توقاي مۇساپىسى، ئوخشايدۇ، بەزىدە چۈشەر پەسلەپ ئۆز ئىزىغا.
ئورۇن.
ئۇ كىشى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئىزىغا بىزنىڭ شىركەتتىن بىرسىنىڭ بالىسى ئورۇنلاشقان.
قالدۇقى، ئىزناسى.
ئوغلى بارنىڭ ئۆزى بار، قىزى بارنىڭ ئىزى بار (ماقال).
تەسىرى، تەسىرىي كۈچ، تەسىر كۈچى.
خەپ - توختاپ تۇر، بۇ ئوردىدىن سېنىڭ ئىزىڭنى يوقاتمىسام مەن خان ئاغىچىلىق ئېتىمنى يۆتكىۋېتىمەن! - دېدى ئۇ قاتتىق ئاۋازدا.
<ئارخېئول> بۇرۇنقى زامانلاردىن قەپقالغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلار ھېسابىدىكى جاي، قەدىمىي شەھەر قاتارلىقلارنىڭ ھازىرغىچە مەلۇم دەرىجىدە ساقلانغان، ساقلىنىپ قالغان قىسمى، قالدۇقى، يادىكارلىق، ئەسەر.
قەدىمكى شەھەر ئىزلىرى. خارابە ئىزلىرى.
كۆچمە. ئالدىنقى ئەۋلادلارنىڭ، پېشقەدەملەرنىڭ ياكى بىرەر شەخسىنىڭ ھاياتىدا قالدۇرۇپ ئۆتكەن ئىش - ھەرىكىتى، پائالىيىتى ۋە پائالىيەت يۆنىلىشى؛ يول، مۇساپە.
ئىز قالدۇرماق. باتۇرلار ئىزىدىن ماڭماق.
بىز ئالدىنقى ئەۋلادلارنىڭ ئىزىدىن بېسىپ ئالغا ماڭىمىز.
ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
بۇ، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر يازغان تارىخىي رومان بولۇپ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1985 - يىل 1 - ئايدا نەشر قىلغان. رومان مۇقەددىمە، 28 باب ۋە خاتىمىدىن تەركىب تاپقان. روماندا 1910 - يىللاردا قۇمۇلدا پارتىلغان دېھقانلار قوزغىلىڭى ۋە قوزغىلاڭنىڭ ئاسالىق رەھبىرى بولغان تۆمۈر خەلپىنىڭ ئىش - پائالىيەتلىرى نۇقتىلىق بايان قىلىنغان. ئاپتور بۇ روماندا قوزغىلاڭنىڭ پارتىلىشىدىكى ھەر خىل سەۋەبلەر، قوزغىلاڭنىڭ پارتىلاش ۋە ئېلىپ بېرىلىش جەريانىنى، تۆمۈر خەلپە قاتارلىق قوزغىلاڭ رەھبەرلىرىنىڭ، شۇنداقلا باشقا قوزغىلاڭچىلارنىڭ باتۇر، قەيسەر روھىنى، قوزغىلاڭنىڭ مەغلۇپ بولۇشىدىكى ئىجتىمائىي - پىسخىك سەۋەبلەرنى ناھايىتى جانلىق، تەسىرلىك سۈرەتلەپ، ئەينى ۋاقىتتىكى ئىجتىمائىي رېئاللىقنى كۆرسىتىپ بەرگەن. روماندا تارىخىي چىنلىق بىلەن بەدىئىي توقۇلما، ئىدىيۋى مەزمۇن بىلەن بەدىئىيلىك، ئۆتمۈش بىلەن رېئاللىق ناھايىتى ماھىرلىق بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن.