UyghurMain Dictionary
ئىئونىئانلار
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى يۇنان ئاھالىلىرىنىڭ بىر خىلى. ھىندى - ياۋروپا تىلى سىستېمىسىنىڭ گرېك تىلى ئائىلىسىگە كىرىدۇ. مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىرى يىللارنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا بالقان يېرىم ئارىلىنىڭ شىمالىدىن كۆچۈپ كەلگەن. ئاساسەن ئانتىكا ئارىلىغا، ئېگېي دېڭىزىدىكى نۇرغۇن ئاراللارغا، شۇنىڭدەك كىچىك ئاسىيانىڭ غەربىي قىرغىقى (ئىئونىيە دەپ ئاتىلىدۇ) ئەتراپىغا جايلاشقان. قۇرغان مۇھىم شەھەرلىرى ئافىنا، مىلېتو، ئېپېسوس، كولوپوم كىئوس (ئارال)، ساموس (ئارال) قاتارلىقلار. مۇستەملىكىلەرنى كېڭەيتىش جەريانىدا، يەنە قارا دېڭىز قىرغىقىدىكى جايلاردا نۇرغۇنلىغان مۇستەملىكە شەھەرلىرىنى قۇرغان. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅵ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، ئىئونىيىدىكى شەھەرلەر پېرسىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. مىلادىدىن 500 يىل ئىگىرى، مىلېتودا پېرسىيىگە قارشى قوزغىلاڭ بولغان، بۇ يېرىم ئەسىر داۋام قىلغان يۇنان - پېرسىيە ئۇرۇشىغا سەۋەب بولغان. ئەڭ ئاخىرىدا، كىچىك ئاسىيادىكى ئىئونىئانلار پېرسىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ، يېڭىۋاشتىن مۇستەقىل بولغان. مىلادىدن 387 يىل ئىلگىرى <بۈيۈك شاھ سۈلھ شەرتنامىسى> تۈزۈلگەندىن كېيىن، كىچىك ئاسىيادىكى ئىئونىلار يەنە پېرسىيىگە بېقىنغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅳ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، ئىئونىئانلار ماكېدونىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتكەن، مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅱ ئەسىردە رىملىقلارغا بويسۇنغان. ئىئونىلار (بولۇپمۇ ئافىنالىقلار) قەدىمكى يۇنان مەدەنىيىتى خەزىنىسىگە مۇھىم تۆھپە قوشقان.