Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئىئون ناسوسى
بىئولوگىيە
离子泵
lízǐbèng
پروتوپلازما پەردىسى ئىچىدىكى ئىئوننى ئېلىكتر خىمىيە پوتېنسىئالىنىڭ ئەگرىلىك دەرىجىسى بويىچە تەتۈر يۆتكەيدىغان قۇرۇلما، ئۇنىڭ ئىئوننى ئاكتىپلاشتۇرۇپ توشۇش جەريانى ناسوس ئۇقۇمى ئارقىلىق شەرھلىنىدۇ. ئەڭ دەسلەپ ھايۋان قىزىل قان شارچىسىنى تەتقىق قىلغاندا، قىزىل قان شارچە پەردىسىدە ATP ئېنزىمىنىڭ بارلىقىنى، ئۇنىڭ ئاكتىپلىقى ناسوسىنىڭ سىرتقى تەرەپكە ناترىي (Na+) ۋە ئىچكى تەرەپكە كالىي (+K) نى يۆتكىشى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى بايقالغان. ATP ئەسلىدە Na+ ياكى K+ يۆتكىلىشتىن بۇرۇن ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدۇ، Na+ ۋە M+ (مەلۇم مۇسبەت ئىئون) مەخسۇس ئورۇنغا كەلگەندە ATP گىدرولىزلىنىپ ADP ۋە نىئورگانىك فوسفات كىسلاتاغا ئايلىنىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ATP ئېنزىمىنى ئاكتىپلاشتۇرىدىغان مەركەز ئېنېرگىيىسىگە ئېرىشىپ قوزغىلىدۇ ۋە 180 گرادۇس بۇرۇلۇپ، Na+ ۋە M+ نى ھۈجەيرىنىڭ سىرتىغا توشۇيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆز ئەتراپىدىكى مۇھىتتىن K+ قوبۇل قىلىپ، ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق بۇرۇلۇشتا K+ نى ھۈجەيرە ئىچىگە توشۇيدۇ. Na+ (سىرتقا) ۋە k+ (ئىچىگە) نى يۆتكەش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئىئون ناسوسى قايتىدىن ATP دىن ئېنېرگىيە قوبۇل قىلىپ يۇقىرىدىكى يۆتكەش جەريانىنى قايتا تەكرارلايدۇ.