Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئىئومىنى
دۇنيا تارىخى
约米尼
yuē mǐ ní
(1779 - 1869) بۇرژۇئا ھەربىي نەزەرىيىچىسى. شۋېتسارىيىدە تۇغۇلغان. 1798 - يىلى فرانسىيە ئارمىيىسى شتابىدا ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن. 1802 - يىلى <ئامېن شەرتنامىسى> ئىمزالانغاندىن كېيىن قوشۇندىن چېكىنپ چىقىپ، يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. 1804 - يىلى يەنە بىر قېتىم ھەربىي خىزمەت ئۆتەپ، ئىلگىرى - ئاخىر ئۇلىم، يېنا، ئىلائو قاتارلىق جايلاردىكى جەڭلەرگە قاتناشقان. مارشال نېينىڭ شتاب باشلىقى بولغان. توسالغۇغا ئۇچرىغانلىقتىن، شۇ يىلى 8 - ئايدا فرانسىيىدىن يۈز ئۆرۈپ روسىيە قوينىغا ئۆزىنى ئاتقان. گېنېرال لېيتناتلىق ئۇنۋانى بېرىلگەن ھەمدە ئالېكساندر Ⅰ نىڭ ئادىيوتانتى بولغان. 1817 - يىلى فرانسىيىگە قايتقان. 1826 - يىلى يەنە روسىيىگە كېلىپ نىكولاي Ⅰ نىڭ ئادىيوتانتى بولغان. گېنېرال پولكوۋنىكلىق ئۇنۋانى بېرىلگەن، 1828 - يىلىدىكى روسىيە ـ تۈركىيە ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1830 - يىلى روسىيە ھەربىي ئىشلار ئاكادېمىيىسىنى قۇرۇشقا قاتناشقان. 1854 - يىلىدىكى قىرىم ئۇرۇشىدا نىكولاي Ⅰ نىڭ ھەربىي ئىشلار مەسلىھەتچىسى بولغان. 1859- يىلى ناپولېئون Ⅲ نىڭ ئىتالىيىدىكى ئۇرۇشىدا ھەربىي ئىشلار مەسلىھەتچىسى بولغان. ئۇ ھەربىي ئىشلار نەزەرىيىسى جەھەتتە تۇنجى قېتىم ستراتېگىيە، تاكتىكا ۋە ئارقا سەپنى ئېنىق ئاجرىتىپ بەرگەن؛ سۈرئەت بىەن زاپاسنىڭ ھەربىي ئىشلاردىكى مۇھىم ئەھمىيىتىنى گەۋدىلەندۈرگەن. ئۇنىڭ <ئىنقىلاب دەۋرىدىكى ئۇرۇشتىكى ھەربىي ئىشلار ۋە تەنقىدىي تارىخى>، <ناپولېئوننىڭ سىياسىي، ھەربىي ئىشلار ھاياتى>، <ھەربىي ئىشلار سەنئىتىدىن ئومۇمىي بايان> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.