Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئېۋىئان كېلىشىمى
دۇنيا تارىخى
埃维昂协议
āi wéi áng xié yì
<ئالجىرىيە - فرانسىيە كېلىشىمى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. فرانسىيەنىڭ ئالجىرىيىنىڭ مۇستەقىللىكىنى ئېتراپ قىلغانلىق كېلىشىمى. 1962 - يىل 3 - ئاينىڭ 18 - كۈنى ئالجىرىيە جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى بىلەن فرانسىيە ھۆكۈمىتى فرانسىيەنىڭ شەرقىدىكى ئېۋىئان شەھىرىدە ئىزالىغاچقا، شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭدا 1962 - يىل 3 - ئاينىڭ 19 - كۈنى سائەت 21 دىن باشلاپ ئالجىرىيىنىڭ پۈتۈن چېگرىسى بويىچە ئۇرۇش ئوتىنى توختىتىش؛ پۇقرالارنىڭ ئۆز - ئۆزىنى ئىدارە قىلىش بويىچە ئاۋاز بېرىشى ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن، فرانسىيە سەھرايى كەبىرنى ئۆز ئىچىەە ئالغان ئالجىرىيىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىكى ۋە تېررىتورىيە ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئېتراپ قىلىش؛ فرانسىيە قوشۇنلىرى ئۈچ يىل ئىچىدە تۈركۈمگە بۆلۈنۈنپ چىقىپ كېتىش، ئۇنىڭ ئالجىرىيىدىكى بەزى ھەربىي بازىلىرىنى ساقلاپ قېلىش؛ ئالجىرىيە - فرانسىيە مۇناسىۋىتىدە بىر - بىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلش، باراۋەرلىك ۋە ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈشنى ئاساس قىلىش، فرانسىيە شىركەتلىرى ئالجىرىيىدىكى نېفىتنى ئىجارىگە ئېلىش ھوقۇقىنى ساقلاپ قېلىش بەلگىلەنگەن. شۇ يىل 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ئالجىرىيە پۇقرالارنىڭ ئۆز - ئۆزىنى ئىدارە قىلىشى بويىچە ئاۋاز بېرىشنى ئۆتكۈزۈپ، 7 - ئاينىڭ 3 - كۈنى رەسمىي مۇستەقىللىك جاكارلاپ، فرانسىيەنىڭ ئالجىرىيىدە 132 يىل داۋام قىلغان مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بەرگەن.