Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئېۋرىپىدېس
دۇنيا تارىخى
欧里庇得斯
ōu lǐ bì dé sī
(مىلادىدىن ئىلگىرى تەخمىنەن 480 - 406) يىل ئىلگىرى قەدىمكى يۇناننىڭ ئۈچ چوڭ تراگېدىيە يازغۈچىسىنىڭ بىرى. ئاقسۆڭەكلىكتىن كېلىپ چىققان. ئانتىكا (ئافىنا)دىكى فليا دېگەن جايدا تۇغۇلغان، سالامى ئارىلىدا تۇغۇلغان دېگەن گەپمۇ بار. ياشلىق دەۋرىدە رەسىم سىزىش ۋە پەلسەپە ئۆگەنگەن، ئەينى ۋاقىتتا كەڭ تارقالغان ئاقىللار ئىدىيىۋى ئېقىمىنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىغان. سوكرات ۋە ئالكىبىئاد بىلەن دوست بولغان بولۇشى مۇمكىن، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا (پېلوپوننېس ئۇرۇشىدىن كېيىن) ئافىنادىن ماكىدونىيىگە بېرىپ، ماكىدونىيە ئوردىسىدا ئۆلۈپ كەتكەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا 92 پارچە تراگېدىيە يازغان (70 نەچچە پارچە يازغان دېگەن گەپمۇ بار) بولۇپ، ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغانلىرى <مېدېيە>، <ھېپپولىت>، <ترويالىق ئايال>، <ئاندروماخا>، <ئالكېستىدا>، <ئېفىگېنىيە ئولىستا>، ھېراكلېسنىڭ ئەۋلادلىرى< قاتارلىق 18 پارچە تراگېدىيىسى ۋە >يەكچەشمە< دېگەن ھەجۋىي سەھنە ئەسەردىن ئىبارەت. ئەسەرلىرىدە ئاساسەن ئەپسانىلەردىكى ھېكايە تېما قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇسلۇبى جەھەتتە ئالدىنقى مەشھۇر ئىككى تراگېدىيە يازغۇچىسى (ئېسخىل ۋە سوفوكل) بىلەن ئوخشاشمايدۇ، ئۇ دائىم تەنقىدىي ئۇسۇل بىلەن ئەنئەنىگە ۋە تەڭرىگە بولغان گۇماننى ئىپادىلىگەن. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى تېخىمۇ كۆپ ھالدا ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى ئەمەلىي مەسىلىلەرنى، مەسىلەن: ئۇرۇش، شەھەر دۆلەتلىرىنىڭ سىياسىي، باي - كەمبەغەللىك ئوتتۇرىسىدىكى پەرق؛ قۇللار، ئاياللارنىڭ ئورنى ۋە مەنتىق، ئەخلاق قاتارلىقلارنى ئەكس ئەتتۈرگەن. ئەدەبىي ئۇسلۇبى يۈكسەك، دىئالوگى تەبىئىي، پېرسۇناژلارنىڭ ھېسسىياتى ۋە ئىچكى توقۇنۇشلىرىنى سۈرەتلەشكە ئالاھىدە ماھىر بولغان. ۋەكىللىك خاراكتىرىگە ئىگە ئەسىرى >مېدىيە< دە بىر ئاددىي ئايالنىڭ ئېچىنىشلىق كەچۈرمىشلىرى ئارقىلىق جەمئىيەتتە ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولۇپ تۇرۋاتقان ئەرلەرنى ئېزىزلاپ، ئاياللارنى خارلاش خاھىشىنى پاش قىلغان؛ يازوننىڭ يېڭىسىنى تاپقاندا كونىسىدىن كەچكەنلىكىنى قامچىلاپ، ئايال باش قەھرىمان مېدىيىگە چوڭقۇر ھېسداشلىق قىلغان، بۇ روھىي ھالەت تەسۋىرلەنگەن مەشھۇر ئەسەر دەپ قارالغان. قەدىمكى يۇنان تراگېدىيە يازغۇچىلىرى ئىچىدە، ئېۋرىپىد رېئالىزمغا مايىل يازغۇچى بولۇپ، تېخىمۇ مۇۋەپپىقىيەت قازانغان (لېكىن ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئانچە كۆپ مۇكاپاتلانمىغان). ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ گۈللىنىشىدىن بۇيانقى ياۋرۇپا دراماتورگلىرىغا (شېكىسپېرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) زور تەسىر كۆرسەتكەن.