Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئېۋكسېئىن دېڭىزى
Domain: دۇنيا تارىخى攸克辛海
yōu kè xīn hǎi
قەدىمكى يۇنانلىقلارنىڭ ھازىرقى دېڭىزنى ئاتىشى بولۇپ، <مېھماندوست دېڭىز> دېگەن مەنىدە. قەدىمكى يۇنانلىقلار خېلى بۇرۇنلار قارا دېڭىز بىلەن تۇتاشقان. ئۇلار دەسلەپ قارا دېڭىزنى ئاكسېن دېڭىزى دەپ ئاتىغان. بۇ، <پىخسىق دېڭىز> دېگەن مەنىدە ئىدى. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅶ - Ⅷ ئەسىرلەردە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ راۋاجلىنىشى، دېڭىزچىلىق تېخنىكىسىنىڭ ئۆسۈشى بىلەن گرېتسىيىنىڭ ئېگېي دېڭىزى بىلەن قارا دېڭىز ئوتتۇرىسىدىكى سۇ يولى ئېچىلغان، ھەرقايسى شەھەرلەر، ئالدى بىلەن كىچىك ئاسىيادىكى مىلېت قاتارلىق شەھەرلەر بەس - بەس بىلەن قارا دېڭىز بويلىرىدا كولونىيە (كۆچمەنلەر رايونى) لەرنى بەرپا قىلغان. قارا دېڭىزمۇ <پىخسىق دېڭىز> دىن ئۆزگىرىپ پەيدىنپەي <مېھماندوست دېڭىز> غا ئايلانغان. ئاكسېئىننىڭ ئورنىنى ئېۋكسېئىن ئالغان. بۇ ئىش قەدىمكى يۇنانلىقلارنىڭ تەبىئەتنى بويسۇندۇرۇش جەريانىنى ئانچە - مۇنچە ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.