Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئېۋگېن بېئاۋخارنا
دۇنيا تارىخى
欧仁.博阿尔内
ōu rén .bó ā ěr nèi
(1781 - 1824). فرانسىيىلىك ھەربىي، ئىتالىيە باش ۋالىيسى، ناپولېئوننىڭ ئاسراندى ئوغلى. ئۇنىڭ ئاتىسى، ۋىكونت ئالېكساندر بېئاۋخارنا ياكوبىنچىلار دىكتاتۇرىسى دەۋرىدە ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇنىڭ ئاپىسى يوسفىن 1796 - يىلى ناپالېئون بىلەن توي قىلغان. ئېۋگېن ناپولېئون بىلەن بىللە ئىتالىيە، مىسىر قاتارلىق جايلاردىكى جەڭلەرگە قاتناشقان. ئۇنىڭ 1799 - يىلى تۇمانلىق ئاينىڭ 18 - كۈنىدىكى سىياسىي ئۆزگىرىشنى قوزغىشىغا ياردەملەشكەن. ئارقىدىنلا 1800 - يىلىدىكى مارېنگو جېڭىگە قاتناشقان. 1804 - يىلى گېنېراللىققا ئۆستۈرۈلگەن، ئىمپېرىيە شاھزادىسى بولغان، دۆلەت ئىشلىرى ۋەزىرى بولغان. 1805 - يىلى ئىتالىيە باش ۋالىيسى بولۇپ، فرانسىيەنىڭ قانۇن تۈزۈمىنى يولغا قويغان. 1809 - يىلىدىكى ئاۋسترىيىگە قارشى ئۇرۇش، 1812 - يىلىدىكى روسىيىگە قارشى ئۇرۇش ۋە 1813 - يىلىنىڭ باشلىرىدا ئىتالىيىدە ئاۋسترىيە ۋە نىئاپول ئارمىيىسگە قارشىلىق كۆرسەتكەن. ناپولېئون تەسلىم بولۇپ، ئۇرۇش توختىتىش شەرتنامىسىنى ئىمزالىغاندىن كېيىن، ميۇنخېنغا بېرىپ، قېىيىن ئاتىسى - باۋارىيە كورۇلىنىڭ ئوردىسىدا پاناھلىنىپ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىنى شۇ جايدا ئۆتكۈزگەن ئەسەرلىرىدىن: <ئەسلىمە> ۋە <خەت - چەكلەر توپلىمى> بار.