UyghurMain Dictionary
ئېۋفېمىزم
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە<لاتىنچە
ئەدەبىيات
توغرىدىن - توغرا ئېيتىشقا بولمايدىغان ياكى بىۋاسىتە ئېيتىش بىئەپ. قۇلايسىز بولغان سۆزلەرنى سىلىقلاشتۇرۇپ ئېيتىش ياكى دېمەكچى بولغان سۆزنى ئەينەن ئېيتماي، شۇ سۆزگە مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىش - ھەرىكەتلەرنى ئېيتىش ئارقىلىق دېمەكچى بولغان مەقسەتنى ئىپادىلەش. مەسىلەن، >تۇغماق< سۆزى ئورنىغا >يەڭگىمەك<، >كۆزى يورۇماق< دېگەندەك سۆزلەرنى، >ئۆلمەك< سۆزى ئورنىغا >ۋاپات بولماق، ئالەمدىن ئۆتمەك، تۈگەپ كەتمەك...< دېگەندەك سۆزلەرنى ئىشلەتكەنگە ئوخشاش.