UyghurMain Dictionary
ئىۋان سۇسانىن
دۇنيا تارىخى
(؟ - 1613) ⅩⅦ ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى روسىيىنىڭ پولشا تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇشتىكى مىللىي قەھرىمانى كوسترۇما ئوكروگى دومىنىنو يېزىسلىق دېھقان. روسىيە بۆلۈنۈپ كېتىش ۋە ھالاك بولۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەندە، رەيزاندا بىرىنچى خەلق ئارمىيىسىنى تەشكىللەپ، پولشا بېسىۋالغان روسىيىگە قاراپ ئىلگىرىلىگەن. كېيىن ئىچكى قىسىمدا ئىختىلاپ كېلىپ چىققانلىقى ئۈچۈن يېڭىلىپ قالغان. 1612 - يىلى ئەتىيازدا، تۆۋەن نوۋگورودتا يەنە، ئاساسەن سودا - سانائەت ساھەسىدىكى زاتلار ۋە شەھەر كەمبەغەللىرى، دېھقانلار قاتناشقان ئىككىنچى خەلق ئارمىيىسىنى تەشكىللەپ، تاجاۇۋۇزچىلارغا زەربە بېرىپ، پولشا ۋە شۋېتسىيە بېسىۋالغان موسكۋا، نوۋگورود قاتارلىق كەڭ دۆلەت زېمىنىنى ئازاد قىلغان. كېيىن چېكىنىپ چىققان پولشا ئارمىيىسىگە يول باشلاشقا مەجبور بولۇپ، ھاياتىنىڭ خەۋپىگە قارىماي، دۈشمەننى تۇيۇق يولغا باشلاپ، قويۇق ئورمانلىق ئىچىگە ئېلىپ كەلگەن، نەتىجىدە پولشا تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ كوستروماغا چېكىنشى پىلانى ئەمەلگە ئاشمىغان. ئورمانلىقتا پولشا ئاقسۆڭەكلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.