Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئىۋانكوۋىچ جېڭى
Domain: دۇنيا تارىخى伊凡科瓦茨之战
yī fán kē wǎ cí zhī zhàn
1804 - 1813 - يىللىرىدىكى بىرىنچى قېتىملىق سېربىيە قوزغىلىڭىدا، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى بىلەن تۈركىيە قوشۇنى ئوتتۇرىسىدا بولغان جەڭ. 1805 - يىلى 8 - ئايدا پورىئافوۋاتىس ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى سىتويكوۋىچ ۋە قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنىڭ داھىيىسى ۋە قارا گېئورگې قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىغا قوماندانلىق قىلىپ ھاپىز پاشا قوماندانلىقىدىكى تۈركىيە قوشۇنى بىلەن سېربىيىنىڭ شەرقىدىكى چۇپرىيا شەھىرىنىڭ يېنىدىكى ئىۋانكوۋىچ دېگەن يېزىدا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلغان، جەڭ بىر كۈن داۋاملىشىپ، تۈركىيە قوشۇنى يېڭىلىپ، باراچىندىن ۋاز كېچىشكە مەجبور بولغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.