UyghurMain Dictionary
ئۇززا
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەپچە سۆزنىڭ مەنىسى «كۈچلۈك» دېگەنلىك بولىدۇ. بەزىلەر بۇنى ئىلاھە ۋېنۇس، دەيدۇ. ئۇززا بولسا لات ۋە مانات بىلەن بىر قاتاردا قۇرئاندا تىلغا ئېلىنغان، قەدىمكى ئەرەبلەر چوقۇنغان ئۈچ ئىلاھىيەتنىڭ بىرىدۇر (53 - سۈرىنىڭ 19 - ئايىتىگە قاراڭ). بۇ بۇت ئۈچ تۈپ كاۋچۇك دەرىخى، ھەجەر ئەسۋەد قاتارلىق نەرسىلەردىن تەركىب تاپقاب. ئادەم ئۆلتۈرۈپ نەزىر قىلىش ئۇنىڭغا نەزىر بېرىشنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئىلاھىيەت مۇنبىرى تائىف (ھازىرقى سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ھىجاز رايونى) بىلەن مەككە ئوتتۇرىسىدىكى نەخلە جىلغىسىدا مەككىلىكلەر بۇ ئۈچ ئىلاھىيەتنى «ئاللانىڭ قىزلىرى» دەپ ھۆرمەتلىگەن (بەزىلەر لات بىلەن ماناتنى ئۇززنىڭ قىزلىرى، دېگەن). ئۇلارغا سۈرىيىلىكلەر چوقۇنغان. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئۇھۇد غازىتىدا ئەبۇ سوفىيان ئۇززا بىلەن لاتنىڭ بۇتىنى ئېلىپ سەپەرگە چىققان. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام 630 - يىل مەككىنى پەتھى قىلغاندىن كېيىن ئۇززانىڭ بۇتىنى باشقا بۇتلار بىلەن قوشۇپ چېقىۋەتكەن. يەرلىك كىشىلەر ئاغرىپ قالسا، ئۇززا، لات، ھۇبەل قاتارلىق بۇدلارنىڭ ئىلاھىيەت مۇنبىرىنىڭ ئورنىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇلاردىن پاناھلىق تىلىگەن.