UyghurMain Dictionary
ئۇزاتماق
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
كېتىدىغانغا، كېپكېتىشكە ماقۇل بولماق، مېھماننى ئۇزاتماق، يولغا سالماق.
قارشى ئالماق ، كۈتۈۋالماق
كەلگەننى قوبۇل قىلماق، مېھماننى قارشى ئالماق، كۈتۈۋالماق.
كىيىمىڭگە قاراپ قارشى ئالىدۇ، ئەقلىڭگە قاراپ ئۇزىتىدۇ. ياخشى تۇرساڭ كۈتۈۋالىدۇ، خاپا قىلساڭ يولغا سالىدۇ.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ئۇزاتماق، ھەمراھ بولماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
قولىدىكى نەرسىنى باشقا بىرىگە قولىنى سوزۇپ تۇتقۇزماق، سۇنماق.
باشلىق قول يازمىنى ماڭا ئۇزاتتى - دە، كەسكىن ھالدا گەپ تاپىلىدى.
بىرەر تەرەپكە قارىتىپ سوزماق، تەڭلىمەك (قول، پۇت ھەققىدە).
مېۋىسىز دەرەخقە كىم باقىدۇ، مېۋىلىك دەرەخقە ھەر كىم قول ئۇزىتىدۇ (ماقال).
بىرەر جايغىچە ھەمراھ بولۇپ يولغا سېلىپ قويماق.
مەن قايتقاندا، رىزۋان مېنى چوڭ دەرۋازىغىچە ئۇزىتىپ قويدى.
يولغا سالماق، ماڭدۇرماق.
ئىشخانىدىكىلەر ئابباس بىلەن ساددىققا ھۆرمەت بىلدۈرۈپ، قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە ئۇلارنى ئۇزاتتى.
تۇرمۇشقا چىقارماق، ئەرگە بەرمەك.
قىز ئۇزاتماق.
ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى پۈتكۈزۈپ دەپنە قىلماق.
شاھزادە دادىسىنىڭ ئۆلۈمىنى ئۇزىتىپ نەزىر - چىراغ ئۆتكۈزۈپتۇ.
كۆچمە. مېھمان قىلماق.
- ھېلىقى گىلەم ئالىمىز دەپ يىغىپ يۈرگەن 200 يۈەن پۇلنى بۈگۈنلا بانكىدىن ئەكېلىڭ، شۇ پۇل بىلەن مېھمانلارنى ئۇزىتىۋالارمىز، - دېدى ئايالىم.