UyghurMain Dictionary
ئۇترار ۋەقەسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
موڭغۇللارنىڭ غەربكە يۈرۈش قىلىشىغا تۇتۇرۇق بولغان تارىخىي ۋەقە كۆزدە تۇتۇلىدۇ. 1218 - يىلى چىنگىزخان (2116 - 1227) خارەزم شاھى بىلەن سودا ۋە دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش مەقسىتىدە 504 ئادەمدىن تەركىب تاپقان كارۋاننى (بۇلارنىڭ ئىچىدە مۇسۇلمانلارمۇ بار ئىدى) خارەزمگە يولغا سالدى. ئۇلار چىنگىزخاننىڭ شاھقا يازغان مەكتۇبىنى ئېلىپ ماڭدى. خارەزم شاھى ئەلائىددىن مۇھەممەد (1200 - يىلىدىن 1220 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇردى) بۇ ئىشتىن گۇمانلاندى. كارۋان سىر دەرياسى بويىدىكى ئۇترار (ھازىرقى تاشكەنتنىڭ يېنى) غا يېتىپ كەلگەندە، خارەزم قوشۇنلىرىنىڭ ئۇشتۇمتۇت زەربىسىگە ئۇچراپ، سودىگەرلەر ئۆلتۈرۈلدى، ماللار بۇلاپ كېتىلدى. بۇ ۋەقەدىن كېيىن چىنگىزخان زىياننى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ ئەلچى ئەۋەتتى. بۇ ئەلچىمۇ ئۆلتۈرۈۋېتىلدى. چىنگىزخان قاتتىق غەزەبلىنىپ موڭغۇل قوشۇنىنى غەربكە يۈرۈش قىلىشقا بۇيرۇدى. ياۋروپا، ئاسىيانى زىلزىلىگە سالغان ھەربىي يۈرۈش قىلىش شۇنىڭ بىلەن باشلاندى