UyghurMain Dictionary
ئۇسۇل
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر ئىش _ ھەرىكەتنى ھەل قىلىشتا قوللىنىلىدىغان قائىدە _ يوسۇن.
ئاققا قارا يوق، قارىغا چارە. تەدبىرىڭ قانداق بولسا، تەقدىرىڭ شۇنداق بولار. ھەر تەدبىر ھەممىگە ماس كېلىۋەرمەس. يوققا ئامال يوق. ئامال تاپقاندىن ئەجەل قاچار. قۇرۇتنى يوقىتىشنىڭ ئىلاجى قايناق سۇ. سەۋەب قىلساڭ، سېۋەتتە سۇ توختار. دەردكە سەۋەب تېپىلار. تەرتىپنى تەرزى كۆپ بۇزار. ھەر ئىشنىڭ يولى بار. يولىنى بىلسەڭ سۇ ئۆگزىگە چىقار. ۋاستىسى رەزىلىنىڭ مەقسىتى ياخشى بولماس. ئوقۇتۇش مېتودى ناھايتى مۇھىم.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى مەنبەلەر، قائىدىلەر دېگەنلىك بولىدۇ. شەرىئەتتە قوللىنىلىدىغان خاس ئاتالغۇ بولۇپ، ئاساسلىقى مۇنداق ئۈچ خىل سورۇندا ئىشلىتىلىدۇ؛ (1) دىنىي ئېتىقاد قائىدىسى دېگەنلىك بولۇپ، ئىلمىي تەۋھىد بىلەن مەنىداش. (2) ئىلمىي ھەدىس قائىدىسى دېگەنلىك بولۇپ، ھەدىس رىۋايىتىدىكى ئاتالغۇ، ئۇسۇللارنى تەتقىق قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. (3) ئىلمىي ئۇسۇل ئەل فىقھنىڭ قىسقارتىلمىسىدىن ئىبارەت.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى <مەنبە> ياكى <ئاساس> دېگەنلىك بولىدۇ. بەزىدە <پرىنسىپ> نى كۆرسىتىدۇ. ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسى ياكى مەنبەسىنى كۆرسىتىدۇ. يەنى <قۇرئان كەرىم>، ھەدىس، ئىجمائ ۋە قىياستىن ئىبارەت تۆتى قوشۇلۇپ <تۆت ئاساس> ياكى <تۆت پرىنسىپ> دېيىلىدۇ. بۇ شەرىئەت، ھەق تەلەپ، مۇراسىم ۋە دىن ئىشلىرىدا قوللىنىلىدىغان خاس ئاتالغۇدۇر. <تۆت ئاساس> ياكى <تۆت پرىنسىپ> نى تەتقىق قىلىدىغان ئىلىم بولۇپ، <ئىلمىي ئۇسۇل ئەل فىقھ> دېيىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
بىرەر ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ يولى، تەرتىپى، تەرىزى؛ چارە، ئامال.
پىكىر قىلىش ئۇسۇلى. ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى. ئۇسۇل تاپماق.
پائالىيەت ۋە ئىش جەريانىدا شەكىللەنگەن ئۆزىگە خاس ئادەت.
ئاددىيراق قىلىپ ئېيتقاندا، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى قانداق بولسا ئۇلارنىڭ پىكىر قىلىش ئۇسۇلىمۇ شۇنداق بولىدۇ.