Domain: تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرىئۇسسىتىۋېرىدىغان.
بۇ قۇياش ئول كىشىنى ئۇسىتغان _ بۇ كىشىنى (قىزىتىپ) ئۇسسىتىۋېرىدىغان قۇياش. شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
ئۇسىتغان قۇياش قاپسادى
ئۇمۇنچلۇغ ئازاش يايسادى
ئەرتىش سۇۋىن كەچسەدى
بۇدۇن ئانىن ئۈركۈشۈر
{ئۇسسىتىدىغان قۇياش قاپسىدى،
ئومۇنغا (ئۈمىد قىلغان) ئاداش (قوشۇننى) تارقاتماقچى بولدى،
(دۈشمەن) ئېرتىش سۈيىنى كەچمەكچى بولدى،
شۇڭا خەلق ئۈركۈشۈۋاتىدۇ.}
يازنىڭ ئاپتىپى بىزنى قاپسىدى،ئۈمىد قىلىنغان ئاداش - دوست بىزگە ھەسەت قىلدى، دۈشمەن ئېرتىش سۈيىنى كەچمەكچى بولۇۋاتىدۇ، شۇ سەۋەبتىن خەلق ئۈركۈپ كەتتى.
1 - 211