UyghurMain Dictionary
ئۇششاق سۆز
مەنىداش سۆزلۈكلەر
غەيۋەت - شىكايەتكە دائىر ھەر خىل يارىماس گەپلەر ۋە ئۇلارنى تاپىدىغان كىشى.
ئۇششاق سۆز - ئائىلىنى بۇزغۇچى قايچا. ۋىت - ۋىتنىڭ گېپى تۈگىمىگىچە، كۆڭۈل تىنچىماس. كۇس - كۇس يوق يەردىن گەپ تاپىدۇ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئورۇنسىز، قۇرۇق گەپنى دائىم ۋە تولا سۆزلەيدىغان.
جىمغۇر، مۆڭ، مۆرىمەس، ئۈنچىقماس
كۆپ گەپ قىلمايدىغان، سۆزلىمەيدىغان، جىم تۇرىدىغان.
ۋالاقتەككۈر گەپ بەرمەس، سۇنۇق كەپكۈر نەپ. جىمىغۇرنىڭ ھۈنىرى ئىچىدە. كاس - كاسقا قۇلىقىڭنى خار قىلما. كاسكىدىن دۆت ئارتۇق. بىر مەستتىن قورق، بىر مۆرىمەستىن. گەپ قىلساڭ، ۋالاقتەككۈر دەيدۇ، گەپ قىلمىساڭ مۆرىمەس. جىمجىت سۇ چوڭقۇر بولار، ئۈنچىقماس ئەر تەدبىرلىك. ۋىت - ۋىت خوتۇن ئۆي بۇزار. كاسكىنىڭ چىشى تېز ئۇپرار. ئۇششاق سۆز ئەل بۇزار. گەپ ئانىسى گەپتىن قالسا، كۈنى تەس. گەپ خالتىسىنىڭ خالتىسى تۆشۈك.
شىۋىلەر
قۇمۇل شىۋىسى
غەيۋەت، شىكايەت؛ سۆز - چۆچەك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
غەيۋەت - شىكايەت، پىتنە.
<بىز ئاياللار ئەجەب ئۇششاق سۆز، ئەجەبمۇ ئىچى تار كېلىدىكەنمىز> دەپ ئويلىدى ئادىلە.
غەيۋەت - شىكايەتچى، پىتنىخور.
مېنىڭ سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭ، مەن ئۆزۈممۇ سىزگە نەپرەتلىك قارايمەن، چۈنكى سىز پەس، ئۇششاق سۆز، يىرگىنىشلىك ئادەمسىز.