Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئۇشنە
بىئولوگىيە
松萝
sōngluó
لىشاينىكلار تىپى، ئۇشنە ئائىلىسىگە كىرىدۇ. ئۇ يۈسۈن بىلەن زەمبۇرۇغنىڭ ئورتاقلىشىپ ياشىشىدىن ھاسىل بولغان ئىپتىدائىي ئۆسۈملۈك بولۇپ ئىچكىرى تاغلاردىكى قىيا تاش ۋە قېرى دەرەخلەرنىڭ قۇرۇپ قالغان شاخلىرىدا ئۆسىدۇ، شاخسىمان ياكى يىپسىمان بولىدۇ، تۆۋەنگە ساقالسىمان ساڭگىلاپ تۇرىدۇ. ئۇزۇنلۇقى 40 سانتىمېتىر ياكى بىر مېتىرغا يېتىدۇ. پۈتۈن ئۆسۈملۈك تېنى كۈل رەڭ يېشىل، تۈۋى قىسمى بىرئاز توم، ئۇچىغا قاراپ ماڭغانسېرى شاخلىنىپ ئىنچىكىلەپ بارىدۇ. ئۆسۈملۈك تېنىنى توغرىسىغا كەسكەندە مەركىزىدە زەمبۇرۇغ يىپچىلىرىدىن تۈزۈلگەن، كۈچلۈك ئەۋرىشىملىك، ئېلاستىك ئوتتۇرا ئوق (ياكى پور)، ئوتتۇرا ئوقنىڭ سىرتقى قەۋىتىدە زەمبۇرۇغ يىپچىلىرى بىلەن يۈسۈن ھۈجەيرىسىدىن تۈزۈلگەن نېپىز يۈسۈن قەۋىتى، يۈسۈن قەۋىتىنىڭ سىرتىدا زەمبۇرۇغ يىپچىلىرىنىڭ زىچ جايلىشىشىدىن ھاسىل بولغان سىرتقى قوۋزاق قەۋەت بولىدۇ. سپورا خالتا مېۋىسى تەخسىسىمان، قوڭۇررەڭ بولۇپ، شاخلارنىڭ ئۇچىدا ئۆسىدۇ. ئۇ جۇڭگونىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆسىدۇ. دائىم ئۇچرايدىغان ئۇزۇن ئۇشنە (U. longissima) ۋە غول يارغۇچى ئۇشنە (U. diffracta) قاتارلىقلار دورىغا ئىشلىتىلىدۇ، ئۇلارنىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل، تەمى تاتلىق، ئازراق زەھىرى بار. ئاساسەن ئۆپكە تۇبىركۇليوزى، ئاستا خاراكتېرلىك كانايچە ياللۇغى، يىرىڭلىق ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى، چىقان، ئەمچەك ياللۇغى قاتارلىقلارنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ.
ئۆسۈملۈك
女萝
nǚ luó