Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئۇرۇش مەزگىلىدە چاقىرىقنى، ھەربىي تەلىمنى رەت قىلىش، ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
战时拒绝,逃避征召,军事训练罪
zhàn shí jù jué ,táo bì zhēng zhào ,jūn shì xùn liàn zuì
بۇ - ھەربىي مەجبۇرىيەتتىكىلەرنىڭ ئۇرۇش مەزگىلىدە ھەربىي ئورگانلارنىڭ قانۇن بويىچە چىقارغان ھەربىي چاقىرىقنى ياكى ھەربىي تەلىماتنى رەت قىلغان، ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرغانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ ھەربىي خىزمەت ئۆتەش تۈزۈمى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە ئۇرۇش مەزگىلىدە ھەربىي چاقىرىقنى ياكى ھەربىي تەلىماتنى رەت قىلغان، ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرغانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلاردا ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئالاھىدە سۇبيېكت، يەنى زاپاس خادىملار بولىدۇ (خەلق ئەسكەرلىرى تەشكىلاتىغا قاتناشقان ياكى ھەربىي مەجبۇرىيەتكە تىزىملانغان پۇقرالار بولىدۇ، ئۇ زاپاس ئوفىتسېر ۋە زاپاس ئەسكەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ).
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
376 - ماددا 1 - تارماق ئۇرۇش مەزگىلىدە چاقىرىقنى ياكى ھەربىي تەلىمنى رەت قىلغان، ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرغان ھەربىي مەجبۇرىيەتتىكىلەرنىڭ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.